شى جىنپىڭ يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى خېپكىنس بىلەن كۆرۈشتى

2023.06.28 09:36 مەنبە: خەلق تورى

  6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى خېپكىنس بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭلى ئەپەندى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈردى، مەن بۇنىڭغا ئىنتايىن ئاپىرىن ئېيتىمەن. مەن جۇڭگونىڭ يېڭى زېلاندىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدىم. 2014 - يىلى، مەن يېڭى زېلاندىيەدە زىيارەتتە بولدۇم، ئىككى تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى. يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتى سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە پايدىلىق بولدى. جۇڭگو يېڭى زېلاندىيەنى ئىزچىل دوستى ۋە ھەمراھى دەپ قاراپ كەلدى، يېڭى زېلاندىيە تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى 50 يىلىنى باشلاپ، جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش باش ۋەزىپە، بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق بېيىشى ماھىيەتلىك تەلەپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش مۇھىم نىشان. بۇ، بۇرۇنقىلار مېڭىپ باقمىغان بىر يول، لېكىن بىز سىجىل ئىزدىنىپ، دادىللىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز. جۇڭگو شۇنچە چوڭ، نوپۇس شۇنچە كۆپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى پەقەت ئۆز كۈچىمىزنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىغىلا قويالايمىز. بىزنىڭ ئۆزىمىزگە تايىنىش، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تەكىتلىشىمىز ھەرگىزمۇ بېكىنمىچىلىك ئەمەس، بەلكى دۆلەت ئىچى بازىرى بىلەن خەلقئارا بازارنى تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرۇش. پەقەت ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگولا زامانىۋىلاشقان جۇڭگو بولالايدۇ. تەرەققىيات جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى. بىز يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە تېخىمۇ ياخشى قوغدايمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتى ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگونىڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە «باشلامچى» بولدى. ئىككى تەرەپ بىرىنچى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىش روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. داۋاملىق قارشى تەرەپنى رەقىب ئەمەس، بەلكى ھەمراھ، تەھدىت ئەمەس، بەلكى پۇرسەت دەپ قاراپ، جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى ياخشى مۇستەھكەملىشى كېرەك. ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇپ، پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتۈپ، جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى ۋە «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نى ياخشى يولغا قويۇپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، قارشى تەرەپ كارخانىلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىدە مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، يەرلىك، خەلق ئىچى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى تېخىمۇ كۆپ «رېۋى ئاللېي»نى يېتىشتۈرۈپ، جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە دوستلۇق دەرىخىنى تېخىمۇ بۈك - باراقسانلاشتۇرۇشى كېرەك. ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئەركىن سودا سىستېمىسىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق يەرشارىۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ يەنە ئالاقىنى ساقلاپ، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق ياردەم بەرسە بولىدۇ.

  خېپكىنس مۇنداق بىلدۈردى: بۇلتۇر يېڭى زېلاندىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى، بۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم ئابىدە. يېڭى زېلاندىيە - جۇڭگو خەلقلىرىنىڭ دوستانە ئالاقىسىنىڭ تارىخى ئۇزاق، يېڭى زېلاندىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى چوڭقۇر، پۇختا ئاساسقا ئىگە. يېڭى زېلاندىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، مەن بۇ قېتىم غايەت زور ئىقتىساد - سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدىم، بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭى زېلاندىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەۋىيەگە يېتىشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. يېڭى زېلاندىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن خادىملار ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى سىجىل كېڭەيتىپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسىنى ئورتاق ياخشى يولغا قويۇشنى خالايدۇ. يېڭى زېلاندىيە تەرەپ مۇنداق قارايدۇ: ئىختىلاپ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئېنىقلىمىسى قىلىنماسلىقى كېرەك، مۇھىمى سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتۈش كېرەك. يېڭى زېلاندىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئارال دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش مەسىلىسىدە ئالاقىنى ساقلاشنى خالايدۇ.

  ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ