مۇھىم خەۋەرلەر

ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار دىققەت! 2200 ئادەم قوبۇل قىلىش پىلانلاندى!

2023.07.03 00:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئۈچنى قوللاش، بىرنى يۆلەش» پىلانىغا 2200 ئادەم قوبۇل قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا (بازار) ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا بېرىپ مائارىپقا، يېزا ئىگىلىكىگە، داۋالاشقا، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، مۇلازىمەت مۇددىتى ئىككى يىل ئىكەن.

  قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى

  «ئۈچنى قوللاش، بىرنى يۆلەش» پىلانىنىڭ قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى 2020-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلار. ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خىزمەت قىلىدىغان، بىر قەدەر كۈچلۈك جاپاغا چىداش ۋە تۆھپە قوشۇش روھى بار، يېزا-بازار ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولۇشى كېرەك.

  تەمىنات كاپالىتى

  «ئۈچنى قوللاش، بىرنى يۆلەش» خادىملىرى مۇلازىمەت مەزگىلىدە ھەر ئايدا خىزمەت، تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتىدە ھەر بىر ئادەمگە يىلىغا 40 مىڭ يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ، باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە ھەر بىر ئادەمگە يىلىغا 30 مىڭ يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە تولۇقلىما بېرىدۇ. مۇلازىمەت ئورۇنلىرى ئۇلارغا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تاپشۇرىدۇ. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئورۇنلىرى تاپشۇرىدىغان ھەقنى ناھىيەلىك، شەھەرلىك مالىيە تارماقلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ، شەخسلەر تاپشۇرىدىغان ھەق «ئۈچنى قوللاش، بىرنى يۆلەش» خادىملىرىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇلىدۇ. ھەر قايسى مۇلازىمەت ئورۇنلىرى ھەر ئايدا 500 يۈەندىن تۆۋەن بولمىغان تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىدۇ. يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ھەم ئىش ئورنىدا مۇلازىمەت قىلىۋاتقىنىغا ئالتە ئاي توشقان «ئۈچنى قوللاش، بىرنى يۆلەش» خادىملىرىغا بىر قېتىمدىلا 3000 يۈەن ماكانلىشىش ھەققى بېرىلىدۇ. مۇلازىمەت مۇددىتى توشۇپ باھالاشتا لاياقەتلىك بولغان «ئۈچنى قوللاش، بىرنى يۆلەش» خادىملىرىغا قارىتا، مەمۇرلارنى نىشانلىق قوبۇل قىلىش، كەسپىي ئورۇنلارغا مەخسۇس تەكلىپ قىلىش، ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش قاتارلىق قوللاش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  قوبۇل قىلىش تەرتىپى

  «ئۈچنى قوللاش، بىرنى يۆلەش» پىلانى بويىچە قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە «ئاشكارا بولۇش، باراۋەر بولۇش، رىقابەتلىشىش، ياخشىلىرىنى تاللاش» پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. كونكرېت تەشكىللەپ يولغا قويۇش ۋاقتى ۋە ئالاقىدار ئىشلارنى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ بېكىتىدۇ. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تورىنىڭ «ئۈچنى قوللاش، بىرنى يۆلەش» مەخسۇس ئىستونى ۋە جايلاردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئېلان قىلغان قوبۇل قىلىش ئېلانى، قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى قاتارلىقلارغا ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ، تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلىسە بولىدۇ.

  2006-يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئۇدا 18 يىل «ئۈچنى قوللاش، بىرنى يۆلەش» پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 27 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ مائارىپ، داۋالاش، يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشىنى پۇختا ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ