مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭدا مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ شىنجاڭ ئىچىدە ساياھەت قىلىشى ئىلھاملاندۇرۇلدى

2023.05.05 16:22 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان «2023-يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستېمالنى كېڭەيتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ھەمدە زەرەتلەش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش قاتارلىق 20 مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ساياھەت كەسپىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، سۈپەت كاپالەت پۇلىنى قايتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە سۈپەت كاپالەت پۇلىنى ۋاقىتلىق قايتۇرۇشتىن بەھرىمەن بولغان ساياھەت كوپېراتىپلىرى ۋاقىتلىق قايتۇرۇش نىسبىتىنى %100 كە ئۆستۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، سۈپەت كاپالەت پۇلى تولۇقلاش مۇددىتى 2024-يىل 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۇزارتىلىدۇ.

  («1-ماي» بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى ۋوگزالى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىدىكى زور يولۇچىلار ئېقىمىنى كۈتۈۋالدى، ۋوگزال خادىملارنى كۆپەيتىپ، يولۇچىلارنىڭ ۋوگزالغا كىرىش، پويىز كۈتۈش، بېلەت تەكشۈرۈش، پويىزغا چىقىش قاتارلىق مۇھىم ھالقىلاردىكى يېتەكلەش ۋە تەشكىللەشنى كۈچەيتتى. ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاۋ لىڭۋېي فوتوسى)

  ئۆلكە ھالقىغان ساياھەتتە رايون ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ «ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا جەلپ قىلىش» بويىچە مۇكاپات-تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى تۈزۈشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ ھەمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرىنىڭ «ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا پائال ماسلىشىپ، شىنجاڭدىكى ساياھەت كوپېراتىپلىرى، شىنجاڭ سىرتىدىكى ساياھەت كوپېراتىپلىرى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق تارماق ئاپپاراتلارنىڭ شىنجاڭ سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا پائال جەلپ قىلغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە ئادەم سانىغا قاراپ مۇكاپات-تولۇقلىما بېرىلىدۇ.

  (2022-يىل 7-ئاينىڭ 2-كۈنى، قەشقەر قۇياش نۇرى سەپىرى ساياھەت كوپېراتىپى چەكلىك شىركىتى تەشكىللىگەن 112 نەپەر جياڭسۇ رادىيو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرلار ئۆمىكى قەشقەرگە يېتىپ كەلدى. ۋاڭ يىڭ فوتوسى)

  (5-ئاينىڭ 3-كۈنى، شىنجاڭ خەلقارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونى پىيادىلەر كوچىسىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيى جىڭجۈي تىياتىرى سەنئەت ئۆمىكى جىڭجۈي تىياتىرى نومۇرلىرىنى ئورۇندىماقتا. ما يۆ فوتوسى)

  ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگانلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى، قىزىل تەربىيە قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىشىگە ئىلھام بېرىپ، ساياھەت كوپېراتىپىغا ساياھەت قاتنىشى، ياتاق قاتارلىق ئالاقىدار ئىشلاردا ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل نىسبىتى %50 تىن تۆۋەن بولماسلىق ھاۋالە قىلىنىدۇ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشما ئەزالىق راسخوتى ئارقىلىق قىزىل ساياھەت ۋە ئېكولوگىيە ھاياھىتى قاتارلىق ئاساسىي تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتلىرىنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

  (قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا ئائىلە ئارامگاھى ئاچقان گۈلىنىڭ ئۆيى. قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تەمىنلىگەن سۈرەت)

  مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى شىنجاڭ ئىچىدە ساياھەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، مېھمانساراي، ئائىلە ئارامگاھى، ساياھەت كوپېراتىپى ۋە ئۆي زاكاز قىلىش مەركىزى قاتارلىق تىجارەت كارخانىلىرى ۋە ئورۇنلىرىنىڭ باھانى ئېنىق يازماسلىق، تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ باھا ئۆستۈرۈش، باھا ئالدامچىلىقى قاتارلىق باھا قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، نورمال بازار باھاسى تەرتىپىنى قوغداش كېرەك.

  (4-ئاينىڭ 30-كۈنى، ساياھەتچىلەر تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت.) ئىگىلىنىشىچە، «1-ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ ئالدىنقى ئىككى كۈنىدە، بۇ مەنزىرە رايونى كۈنىگە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 20 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئاشقان. خې لۇڭ فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ