شى جىنپىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى پەن - تېخنىكا كىچىك ھويلىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى

​يېزا ئىگىلىكىنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش چوڭ سەھنىسىدە تۆھپە قوشۇپ ئىگىلىك تىكلەش كېرەك

​4 - ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ياشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى

2023.05.05 09:15 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى پەن - تېخنىكا كىچىك ھويلىسىدىكى ساۋاقداشلار:

  ياخشىمۇسىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم، كۆپچىلىكنىڭ مەكتەپ تەسىس قىلغان پەن - تېخنىكا كىچىك ھويلىسى ئارقىلىق، ئېتىز باشلىرىغا ۋە يېزا - كەنتلەردىكى دېھقان ئائىلىلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانلىقى، ئىلىم - پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم.

  سىلەر خېتىڭلاردا، ۋەتىنىمىز جۇڭگوغا چوڭقۇر چۆككەندىلا، ئاندىن نېمىنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئىكەنلىكىنى، ئامما بىلەن قانداق ئالاقە باغلاش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر چۈشەنگىلى بولىدۇ، ياشلار «جاپانى ئۆزى ئىزدەپ تېپىش»ى كېرەك، دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتىپسىلەر. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىدا مۇشۇنداق كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن روھ بولۇشى كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ساۋاقداشلارنىڭ ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، دەرسخانىدا ئۆگىنىش بىلەن يېزا - كەنت ئەمەلىيىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش چوڭ سەھنىسىدە تۆھپە قوشۇپ، نەتىجە يارىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  4 - ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، مەن سىلەرنىڭ بايرىمىڭلارنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ياشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن!

  شى جىنپىڭ

  2023 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى پەن - تېخنىكا كىچىك ھويلىسىدىكى ساۋاقداشلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم 4 - ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ياشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ مەكتەپ تەسىس قىلغان پەن - تېخنىكا كىچىك ھويلىسى ئارقىلىق، ئېتىز باشلىرىغا ۋە يېزا - كەنتلەردىكى دېھقان ئائىلىلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانلىقى، ئىلىم - پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سىلەر خېتىڭلاردا، ۋەتىنىمىز جۇڭگوغا چوڭقۇر چۆككەندىلا، ئاندىن نېمىنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئىكەنلىكىنى، ئامما بىلەن قانداق ئالاقە باغلاش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر چۈشەنگىلى بولىدۇ، ياشلار «جاپانى ئۆزى ئىزدەپ تېپىش»ى كېرەك، دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتىپسىلەر. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىدا مۇشۇنداق كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن روھ بولۇشى كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ساۋاقداشلارنىڭ ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، دەرسخانىدا ئۆگىنىش بىلەن يېزا - كەنت ئەمەلىيىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش چوڭ سەھنىسىدە تۆھپە قوشۇپ، نەتىجە يارىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  2009- يىلى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ چۈجوۋ ناھىيەسىدە پەن - تېخنىكا كىچىك ھويلىسى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېزا ئىگىلىك كەسپىي ئۇنۋانىدىكى ئاسپىرانتلارنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇشقا ئەۋەتىپ، بىلىم، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى تاماملاش ئاساسىدا، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلدى. نۆۋەتتە، بۇ مەكتەپ مەملىكەت بويىچە 24 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى 91 ناھىيە، شەھەر، رايون، خوشۇندا 139 پەن - تېخنىكا كىچىك ھويلىسى قۇردى. يېقىندا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى پەن - تېخنىكا كىچىك ھويلىسىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاسىلاتى ۋە تەسىراتىنى دوكلات قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ