مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئەزىمەتلەر تىزىملىكى» ئېلان قىلىندى! شىنجاڭدىن ئىككى ئادەم تىزىملىككە كىردى

2023.03.28 15:31 مەنبە: خەلق تورى

  3-ئاينىڭ 27-كۈنى مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتى 2022- يىلى 4-پەسىللىك ۋە 2023-يىلى 1-پەسىللىك «ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئەزىمەتلەر تىزىملىكى»نى ئېلان قىلدى، جەمئىي 63 ئەزىمەت شەرەپ بىلەن تىزىملىككە كىردى، شىنجاڭدىن ئىككى كىشى تىزىملىككە كىردى!

  ئۇلار شىنجاڭ پىچان ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئارقا سەپ خىزمەتچىسى جاڭ فەن.

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 2-شىسى ئۇلۇغكۆل تۈرمىسىنىڭ ساقچىسى ليۇ شۇمىڭ.

  قېنى، ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى!

  جاڭ فەن:

  2023-يىل 1-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 18 ئەتراپىدا، خېنەن ئۆلكىسى يۇڭچېڭ شەھىرىدىكى شوپۇر جياڭ تاۋ قىممىتى 850 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان تايلانغان پاختا قېپى بېسىلغان ئېغىر تىپتىكى يېرىم چاتما پىرىتسېپلىق ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ پىچان ناھىيەسى تۇيۇق يول بۆلىكىگە كەلگەندە، ئاپتوموبىلنىڭ سول ئارقا چاقىغا ئوت كەتكەن. يولدا كېتىۋاتقان ياخشى نىيەتلىك شوپۇرنىڭ ئەسكەرتىشى بىلەن ئۇ ئاپتوموبىلنى توختىتىپ تەكشۈرۈۋاتقاندا، بالون تۇيۇقسىز پارتىلاپ ئۇ شۇ يەردىلا ھوشىدىن كەتكەن.

  ئاپتوموبىل ھەيدەپ بۇ يول بۆلىكىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان جاڭ فەن ئالدى تەرەپتىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلاپ، دەرھال ئاپتوموبىلنى توختىتىپ ئەھۋالنى ئىگىلىگەن، شوپۇرنىڭ يۈزى قانغا مىلەنگەن بولۇپ، ھوشىدىن كېتىپ يىقىلغانىدى، ئاپتوموبىلنىڭ ئاستىغا ئوت كېتىپ، ئاپتوموبىلغا قاچىلانغان پاختا خالتىسىغا تۇتاشقان بولۇپ، ئەھۋال ئىنتايىن جىددىي ئىدى. جاڭ فەن كۆپ ئويلىنىشقا ئۈلگۈرمەيلا، بىر تەرەپتىن ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونىغا تېلېفون قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىلىدىن ئوت ئۆچۈرگۈچ، مىنېرال سۇ قاتارلىقلارنى ئېلىپ ئوت ئۆچۈردى ھەمدە يولدىن ئۆتكەن ئاپتوموبىللارنى توسۇپ قۇتقۇزۇشقا چاقىردى. بىراق ئۈسكۈنىلەر چەكلىك بولغاچقا، ئوتنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولمىدى. جاڭ فەننىڭ قۇتقۇزۇشى بىلەن يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى ئوت ئۆچۈرگۈچنى ئېلىپ كېلىپ قۇتقۇزۇش ئەترىتىگە قوشۇلۇپ، ئاخىرى ئوتنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە يامراپ كېتىشىنى توستى. ئارقىدىن ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى، ئوت ئاخىرى ئۆچۈرۈلدى، 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن قىممىتى ئەتراپىدىكى ئاپتوموبىل ۋە ماللار ساقلاپ قېلىندى. 2023-يىل 3-ئاينىڭ 2-كۈنى، جاڭ فەننىڭ خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ئوت ئۆچۈرۈش ھەرىكىتى ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى دەپ باھالاندى.

  لىيۇ شۇمىن:

  2023-يىل 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ليۇ شۇمىڭ يۇرتى شەندۇڭغا تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن قايتىپ كەلگەن مەزگىلدە، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە شەندۇڭ ئۆلكىسى لىنشۇ ناھىيەسى جۇسۈن كەنتىدىكى قىزىل ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىغا بېرىپ ساياھەت قىلدى. مەنزىرە رايونىدىكى سۈنئىي كۆلدىن ئۆتۈش يولىدا، بىر بالىنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، بالىنىڭ سۇغا چۆكۈپ كېتىۋاتقانلىقى، ئەھۋالنىڭ ئىنتايىن جىددىي ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ليۇ شۇمىڭ دەرھال ۋەقە يۈز بەرگەن كۆل بويىغا بېرىپ، بالىنىڭ كۆل بويىدىن يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. ۋاقىت قىس، بالا خەتەر ئىچىدە قالغان ئىدى، ليۇ شۇمىڭ كۆپ ئويلىنىشقا ئۈلگۈرمەي، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن ھېسابلاشمايلا سۆڭەكتىن ئۆتكىدەك سوغۇق كۆلگە سەكرەپ چۈشۈپ، سۇدا تىركىشىۋاتقان بالىغا قاراپ ئۈزدى. ليۇ شۇمىڭ بالىنىڭ يېنىغا ئۈزۈپ بارغاندىن كېيىن، ھالسىزلانغان بالىنى تۇتۇۋالدى ھەمدە پۈتۈن كۈچى بىلەن كۆل قىرغىقىغا قاراپ ئۈزدى. ليۇ شۇمىڭ بالىنى قىرغاققا سۆرەپ چىققاندىن كېيىن، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە بوۋىسىنىڭ ياردىمىدە ئۇنى قۇتقۇزۇپ قىرغاققا ئېلىپ چىققانىدى. ئۇ بالىنىڭ چۆچۈپ كەتكىنىدىن باشقا، چوڭ چاتاق يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ئاندىن خاتىرجەم بولدى. 2023-يىل 2-ئاينىڭ 16-كۈنى، ليۇ شۇمىڭنىڭ خەتەردىن قورقماي ئادەم قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى دەپ باھالاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ