مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خۇش خەۋەر! شىنجاڭدىن بىر كىشى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

2023.03.28 15:24 مەنبە: خەلق تورى

  فىرانسىيە شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 25-كۈن سائەت 22 دە، 10-نۆۋەتلىك خەلقئارا مېيىپلار كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى فىرانسىيەدىكى مېستا ئاياغلاشتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىز بۇ يۈنشيۇ كەشتە تۈرى بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

  (بۇيۈنشيۇ سەھنىگە چىقىپ مېدال ئالدى. جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى تەمىنلىگەن سۈرەت)

  خەلقئارا مېيىپلار كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى دۇنيادىكى سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى، كۆلىمى ئەڭ چوڭ مېيىپلار كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ بىرى بولۇپ، مېيىپلارنىڭ ئالاقىدار كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيادىكى مېيىپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللايدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى سەي خۇڭيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يۈنشيۇ كامالەتكە يەتكەن كەشتىچىلىك ماھارىتىگە ئارقىلىق بۇ تۈردە بىرىنچى بولدى. بۇ تۈرگە جەمىي 10 دۆلەتتىن كەلگەن 11 ماھىر قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ئېلىمىزنىڭ غەربىدىكى 12 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئىچىدىن جۇڭگو ۋەكىللەر كوماندىسىغا تاللانغان بىردىنبىر ماھىر، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش بازىسى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى.

  بۇ يۈنشيۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، كەشتىچىلىك ھۈنىرىنى تەتقىق قىلىشقا ۋە ئۆگىنىشكە باشلىغان. قەتئىي تەۋرەنمەس روھى ۋە تىرىشچانلىقى ئارقىلىق كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەتلىك مېيىپلار كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىدە مېدالغا ئېرىشكەن، 2018-يىلى ئۇ شىنجاڭ ھۈنەر-سەنئەت ئۇستازى بولۇپ باھالانغان، 2020- يىلى ئىلى ئوبلاستى دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى شىبە كەشتىچىلىكىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى بولۇپ باھالانغان.

  (جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ماھىرلار سەھنىدە تەبرىكلەۋاتىدۇ. جۇڭگو مېيىپلار ژۇرنىلى تەھرىراتىدىن ياڭ لې فوتوسى)

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك خەلقئارا مېيىپلار كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 650 دىن ئارتۇق ماھىر 40 ماھارەت تۈرى بويىچە مۇسابىقىلەشكەن، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالتە ئالتۇن مېدال، يەتتە كۈمۈش مېدال ۋە يەتتە مىس مېدالغا ئېرىشىپ، مېدال سانىدا 4-ئورۇندا تۇرغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ