مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېكىسكۇرسىيە سىرتقا ئېچىۋېتىلدى، ئالدىن كېلىشپ ئېكىسكۇرسىيە قىلسىڭىز بولىدۇ

2023.03.27 15:11 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ رەسەتخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ رەسەتخانىسى ئۈرۈمچى نەنسەن كۆزىتىش پونكىتىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئېكسكۇرسىيەسى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە كوللېكتىپ ئالدىن كېلىشىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلسا بولىدىكەن، ئالدىن كېلىشىشتە بىر ھەپتە بۇرۇن ئالدىن كېلىشىشنى تەۋسىيە قىلىدىكەن، ئالدىن كېلىشىش تېلېفونى 3689020 –0991.

  سۈرەتتە: شىنجاڭ رەسەتخانىسى نەنسەن كۆزىتىش پونكىتى تۇرغۇن يۇلتۇز ئالەم كۆرگەزمە رايونى (سۈرەتنى شىنجاڭ رەسەتخانىسى تەمىنلىگەن)

  بۇ يەرگە كېلىپ بىر قېتىملىق سىرلىق ئالەم سەپىرىنى ھېس قىلىڭ. سىز قوش چاستوتىلىق دوپپلېر سۈرئەت ئۆلچەش ئەسۋابى، 2 مېتىرلىق قۇياش رادىيو تېلېسكوپى، 26 مېتىرلىق رادىيو تېلېسكوپىنى كۆرۈپ، شىنجاڭ رەسەتخانىسىنىڭ 60 نەچچە يىللىق كۈرەش تارىخى ۋە ئاسترونومىيەنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى تەتقىقاتىنى چۈشىنىپ، جاپادىن قورقماي، مەڭگۈ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەشتەك ئىلمىي روھنى ھېس قىلالايسىز.

  سۈرەتتە: شىنجاڭ رەسەتخانىسى نەنسەن كۆزىتىش پونكىتى قۇياش سائىتى (سۈرەتنى شىنجاڭ رەسەتخانىسى تەمىنلىگەن)

  «ۋېنتيەن» پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۆرگەزمە زالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئاسترونومىيەنىڭ «يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن» دېگەن گۇمانىنى يېشىپ، ئاسترونومىيە زالىدىكى «پىلانېتىلار ئارىسىدىكى بوشلۇق»قا كىرىپ، ئالەمنىڭ بىپايان ۋە جىمجىتلىقىنى ھېس قىلىپ، قۇياش سائىتى ئالدىدا ۋاقىت ھېكايىسىنى ئاڭلاپ، ۋاقىتنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تېلېسكوپى ئارقىلىق قۇياشنىڭ فوتوسفېرا قەۋىتىنى كۆزىتىپ، قۇياشنىڭ داغلىرىنى ساناپ بېقىڭ.

  قېنى ئەمىسە، ئاسترونومىيە ھەۋەسكارلىرى كوللېكتىپ ئېكىسكۇرسىيەنى باشلاڭلار!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ