شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى قاتناش - تىرانسپورت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ شىنمىن قانۇن - ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن، ھازىر شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.
ۋاڭ شىنمىننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
ۋاڭ شىنمىن، ئەر، خەنزۇ، 1959-يىل 1-ئايدا تۇغۇلغان، خېنەن يۇڭچېڭدىن، 1975-يىل 10-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1978-يىل 3-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، داشۆ ئوقۇش تارىخىغا، ئالىي ئاگرونوم ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يېزا ئىگىلىك 8-شىسى 135-تۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن تۈەنجاڭى، يېزا ئىگىلىك 8-شىسى 135-تۈەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تۈەنجاڭى، يېزا ئىگىلىك 8-شىسى 150-تۈەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تۈەنجاڭى، يېزا ئىگىلىك 8-شىسى شىخەنزە باش مەيدان پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەيدان باشلىقى، يېزا ئىگىلىك 8-شىسى شىخەنزە شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، يېزا ئىگىلىك 8-شىسى شىخەنزە شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى قوشۇمچە سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، 1-شى ئارال شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىجاڭى، ئارال شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، بىڭتۈەن قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، بىڭتۈەن قاتناش - ترانسىپورت ئىدارىسىنىڭ كۆزەتكۈچىسى بولغان. 2019 -يىل 2-ئايدا پېنسىيەگە چىققان.
(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ