مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدىن شياڭگاڭغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان تۇنجى يولۇچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى

2023.03.10 15:32 مەنبە: خەلق تورى

  3-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 7 دە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان ئۈرۈمچى-جېڭجوۋ-شياڭگاڭ UQ2651 نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 15 تىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە شياڭگاڭغا قوندى. شۇ كۈنى سائەت 16 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، شياڭگاڭلىق 31 ساياھەتچى ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭغا قاراپ يولغا چىقتى. بۇ ئىچكى ئۆلكىلەر پۇقرالىرى بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن پۇقرالىرىنىڭ ئالاقىسى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، شياڭگاڭدىن ئۈرۈمچىگە بىۋاسىتە ئۇچقان تۇنجى ساياھەت ئۆمىكى.

  3-ئاينىڭ 8-كۈنى، شياڭگاڭلىق ساياھەتچىلەر يولغا چىقىشتىن بۇرۇن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  شياڭگاڭلىق ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، سەككىز كۈنلۈك شىنجاڭ سەپىرىنى باشلاپ، سايرام كۆلى، نارات، بۇغدا كۆلى، قۇمتاغ قۇملۇقى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ساياھەت قىلىدىكەن.

  شياڭگاڭلىق ساياھەتچى جاڭ خانىم شىنجاڭنىڭ سىرلىق قىياپىتى ۋە بىپايان زېمىنىغا تەلپۈنگەنلىكى، بۇ يىل 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن پۇقرالىرىنىڭ ئالاقىسى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇ تۇنجى بولۇپ شىنجاڭ ساياھەت ئۆمىكىگە تىزىملىتىپ، گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلغاندىن باشقا، يەنە شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، ئادىمىيەت ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

  يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھەر چارشەنبە كۈنى ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ، بېرىشتا UQ2651 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 7 دە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، جېڭجوۋدىن ئۆتۈپ، سائەت 15 تىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە شياڭگاڭغا يېتىپ بارىدۇ. قايتىشتا UQ2652 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 16 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە شياڭگاڭدىن ئۇچۇپ، ئەتىسى سەھەر سائەت 1 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدۇ.

  ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى يەنە سىنگاپور، ياپونىيە ھەم شياڭگاڭ قاتارلىق خەلقئارا ۋە رايون ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ھاۋا كارىدورىنى بېيىتىشنى پىلانلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ