مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ سابىق مۇئاۋىن قوماندانى، پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى ياڭ فۇلىن ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى

2021.12.03 12:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى يېقىندا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ سابىق مۇئاۋىن قوماندانى، پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى ياڭ فۇلىننىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ياڭ فۇلىن ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچتىن يۈز ئۆرۈپ، غايە-ئېتىقادىنى يوقىتىپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشى تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى كۆزگە ئىلماي، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش، زىياپەتكە قاتنىشىش، ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە دوكلات قىلماسلىق، تەشكىل خەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرگەندە مەسىلىنى ئەينەن بايان قىلماسلىق، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قوبۇل قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ھەرىكىتىگە قائىدىگە خىلاپ ئارىلىشىش، قۇرۇلۇش تۈرىگە خالىغانچە قول تىقىش، كادىرلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تاللاپ ئۆستۈرۈپ ۋەزىپىگە قويۇش، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش، دېلونى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا پايدا يەتكۈزۈش ھەمدە زور سوممىلىق مال-مۈلۈكنى قانۇنسىز قوبۇل قىلىش قاتارلىق قىلمىشلىرى بايقالغان.

  ئۇ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ھەمدە پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ئۆزىنى تارتمىغان، قولىنى يىغمىغان، خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى يامان بولغان، شۇڭا قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي چارە كۆرۈش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەم ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ياڭ فۇلىنغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش؛ بەلگىلىمە بويىچە ئۇنىڭ بەھرىمەن بولىدىغان تەمىناتىنى بىكار قىلىش؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسىنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئۇنىڭغا چېتىشلىق مال-مۈلۈكنى بىللە ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارار قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ