مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ «پەلەستىن خەلقىگە مەدەت بېرىش خەلقئارا كۈنى»نى خاتىرىلەش يىغىنىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2021.12.02 09:55 مەنبە: خەلق تورى

  11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «پەلەستىن خەلقىگە مەدەت بېرىش خەلقئارا كۈنى»نى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پەلەستىن مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ يادروسى. پەلەستىن مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاققىچە ھەل قىلىپ، پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچ بىللە تۇرۇشى، ئەرەبلەر بىلەن يەھۇدىيلاردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مىللەتنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەلەستىن - ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، رايون مۇقىملىقىدىن ئىبارەت يىراق كەلگۈسى نىشانغا ئۇيغۇن، تىنچلىقنى سۆيىدىغان، ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان بارلىق دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا جەزمەن توغرا پىرىنسىپ ۋە يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ قورساق، ئەپۇچان بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، مادرىد تىنچلىق كېڭىشىنىڭ 30 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، پەلەستىن - ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپنىڭ «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» ئاساسىدا باراۋەر سۆزلىشىشنى قايتا قوزغىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەلەستىن خەلقىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا داۋاملىق ياردەم بېرىپ، پەلەستىننىڭ ئىقتىساد، خەلق تۇرمۇشى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئەھۋالىنى ھەقىقىي ياخشىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو پەلەستىن مەسىلىسىگە يۈكسەك دىققەت قىلىدۇ، پەلەستىن خەلقىنىڭ مىللەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ھەققانىي ئىشلىرىنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو پەلەستىن مەسىلىسىدە باشتىن - ئاخىر ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ياقلاپ، ياراشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، پەلەستىن تەرەپنى ئىنسانپەرۋەرلىك، تەرەققىيات، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ياردەملەر بىلەن داۋاملىق تەمىنلەيدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەپنىڭ ئالاقىدار تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ. جۇڭگو پەلەستىن خەلقىنىڭ سەمىمىي دوستى. خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو داۋاملىق خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ بالدۇرراق ھەل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئۇزاققىچە تىنچ، مۇقىم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ