لى كېچياڭ رۇسىيە زۇڭلىسى مىشۇستىن بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-رۇسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ 26-قېتىملىق قەرەللىك ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

خەن جېڭ قاتناشتى

2021.12.02 18:44 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا رۇسىيە زۇڭلىسى مىشۇستىن بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-رۇسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ 26-قېتىملىق قەرەللىك ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇچرىشىش سىنلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو-رۇسىيە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كومىتېتى، ئېنېرگىيە ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ رەئىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا، رۇسىيە زۇڭلىسى مىشۇستىن بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-رۇسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ 26-قېتىملىق قەرەللىك ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇچرىشىش سىنلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو-رۇسىيە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كومىتېتى، ئېنېرگىيە ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ رەئىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئۆزئارا ئەڭ چوڭ قوشنا دۆلەت، ئۆزئارا تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە، ئۆزئارا يەر شارىۋى ھەمراھلار. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ يىل «جۇڭگو-رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىن قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، «شەرتنامە»نىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى قارار قىلىپ، «شەرتنامە»گە يېڭى مەزمۇن قوشتى. ئىككى تەرەپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى پائال يېڭىپ، ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەمكارلىقنىڭ پەن-تېخنىكا تەركىبىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، مۇھىم، زور ھەمكارلىق تۈرلىرىنى تەڭ ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا يەر شارىدا تۇرۇپ-تۇرۇپ تەكرارلىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادى ئەگرى-توقايلىق ئىچىدە ئەسلىگە كېلىپ، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللار كۆپەيدى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئوخشاشلا دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە گۈللەنمە بازار دۆلىتى، ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرولۇقىدىكى خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش جەھەتتە ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇشقا ئىگە. جۇڭگو رۇسىيە بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ. قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ ۋە مىشۇستىن خەن جېڭ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو-رۇسىيە ئادىمىيەت ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ رەئىسى سۈن چۈنلەن، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونى ۋە رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق ھەم بايقال رايونىدىكى ھۆكۈمەتلەرئارا ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ رەئىسى خۇ چۈنخۇا ھەمدە ئالاقىدار مېخانىزملارنىڭ رۇسىيە تەرەپ مەسئۇلى، رۇسىيەنىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى بېلوئۇسوف، مۇئاۋىن زۇڭلى گولىكوۋا، نوۋاك، ترۇتېنېۋ، چېرنېشىنكو قاتارلىقلارنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

  ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ئىككى تەرەپ كومىتېتلىرىنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەمەلىي خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى تەرەپ ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كەسىپ، تېخنىكا، بايلىق قاتارلىقلارنىڭ يۆتكىلىشىنى راۋانلاشتۇرۇشى كېرەك. ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، سودىغا مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا بازار ئىجازىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، بىخەتەر، مۇقىم بولغان كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۇل تەتقىقات، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى بىرلىشىپ تەربىيەلەش قاتارلىق يۆنىلىشلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى كەسىپلەر ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ساقلانما مىقدارىنى مۇستەھكەملەپ، يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن كەسىپ زەنجىرى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نېفىت، تەبىئىي گاز، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىقلار بىلەن ئۇزاققىچە مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشكە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى يۆنىلىشىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تېخىمۇ قويۇق ئېنېرگىيە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش كېرەك. كېيىنكى ئىككى يىلدا جۇڭگو-رۇسىيە تەنتەربىيە ئالماشتۇرۇش يىلى ئۆتكۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، ياشلار، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش شارائىتىدا تور ئىچى-سىرتىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش شەكلى ئارقىلىق ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىرىسنى يېڭىپ، قويۇق ئالاقىنى ساقلىسا، جۇڭگو-رۇسىيە ئەمەلىي ھەمكارلىقى چوقۇم تېخىمۇ كۆپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

  مىشۇستىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە-جۇڭگو يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ ھەم داۋاملىق تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ھەمكارلىق كومىتېتلىرىنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسىدە، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەم سودا، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، پەن-تېخنىكا، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى، ئادىمىيەت، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياۋروپا-ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» بىلەن ئۇدۇللىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىغا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا تاشقى بېسىم ۋە خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. رۇسىيە جۇڭگونىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ.

  ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى «جۇڭگو-رۇسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ 26-قېتىملىق قەرەللىك ئۇچرىشىش بىرلەشمە ئاخباراتى» ۋە ئىككى تەرەپنىڭ رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى، رەقەملىك ئىقتىساد، تاموژنا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ماقۇللىدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ