مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا

​باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «<جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى> ھەققىدە ئىزاھات»ى ئېلان قىلىنىدۇ

2021.12.02 09:52 مەنبە: خەلق تورى

  12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 23 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «<جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى> ھەققىدە ئىزاھات»ى ئېلان قىلىنىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەمىز تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەشكە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق قارىدى، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان مۇھىم تارىخىي پەيتتە، پارتىيە ۋە خەلق غەلىبىلىك ھالدا بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىدىغان ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلانغان مۇھىم، زور تارىخىي پەيتتە، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەش پۈتۈن پارتىيەنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق قارىدى، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسى ھەيۋەتلىك بولدى، ۋاقىت ئارىلىقى ئۇزۇن، چېتىلىدىغان دائىرىسى كەڭ بولۇپ، تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر كۆپ. ئومۇمەن تارىخنى خۇلاسىلەش، قانۇنىيەتنى ئىگىلەش، ئىشەنچنى چىڭىتىش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش تەلىپى بويىچە، پارتىيە بېسىپ ئۆتكەن شانلىق مۇساپىنى ياخشى خۇلاسىلەش، پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياخشى خۇلاسىلەش، پارتىيەنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ياخشى خۇلاسىلەش، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنى ياخشى خۇلاسىلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق قارىدى، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەشتە، دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق مېتودولوگىيەدە چىڭ تۇرۇش، توغرا بولغان پارتىيە تارىخى قارىشىدا چىڭ تۇرۇش، چوڭ تارىخ قارىشى تۇرغۇزۇش، بايراق روشەن ھالدا تارىخىي ئىنكارچىلىققا قارشى تۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىن قارارىنى تەييارلاشقا قارىتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىگىلەشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى. بىرىنچى، دىققەتنى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش، جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىككىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشەنچنى چىڭىتىپ، دىققەتنى ھازىر بىز قىلىۋاتقان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ مەردانە قىياپەتتە يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ئۈچىنچى، مۇھىم، زور ئىشلار، مۇھىم يىغىن، مۇھىم شەخسلەرگە باھا بېرىشتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلگىرى بار بولغان يەكۈنلىرى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىگە بولغان يېڭى تونۇشىنى نامايان قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭ يەنە قارار نۇسخىسىنى تەييارلاش جەريانى، ئاساسىي رامكىسى ۋە مۇھىم مەزمۇنى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ