مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلەر يىغىنى ئېچىلدى

2021.12.02 10:16 مەنبە: خەلق تورى

  سىياسىي كېڭەش 13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 63–قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 11–ئاينىڭ 30- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد كومىتېتى، يېزا ئىگىلىك ۋە يېزا كومىتېتى، نوپۇس-بايلىق– مۇھىت كومىتېتى، مائارىپ–پەن–مەدەنىيەت–سەھىيە- تەنتەربىيە كومىتېتى، جەمئىيەت ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ 2021–يىللىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمىتىگە ئالاقىدار مۇئاۋىن رەئىسلەر ئايرىم–ئايرىم ھالدا خىزمەت باھالاش ئېلىپ باردى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: رەئىسلەر يىغىنىدا ھەر يىلى ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات مەركەزلىك ئاڭلىنىدۇ، بۇ، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ ئاساسلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى. بۇ يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى ۋە رەئىسلەر يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەزىپە–مەسئۇلىيەت، بۇرچىنى ئەستايىدىل، تولۇق ئادا قىلىپ، مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش يىغىنى، مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ياخشى نەتىجە– ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ ھەم يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش تەجرىبىلىرى ۋە نەتىجىلەرنى ياخشى خۇلاسىلەش، ھەم يېتەرسىزلىكلەرنى بايقاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزگەرتىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەتنىڭ تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىزئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ جەمئىيەت ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتى، مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، مەدەنىيەت، تارىخ ۋە ئۆگىنىش كومىتېتىنىڭ 2021–يىللىق مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «جەمئىيەتنى ياشانغانلارغا ئۇيغۇنلاشقان ھالدا ئۆزگەرتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى دېموكراتىك نازارەت قىلىش دوكلاتى»، «<بەش قاراش> تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى دېموكراتىك نازارەت قىلىش دوكلاتى»، «ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ (شەنشى، خېنەن) <14–بەش يىل>لىق يىرىك پىلاندىكى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دېموكراتىك نازارەت قىلىش دوكلاتى» ۋە «شەھەر–يېزىلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ___ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى دېموكراتىك نازارەت قىلىش دوكلاتى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، دوكلات يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەندىن كېيىن ئالاقىدار تەرەپلەرگە يوللىنىدۇ.

  رەئىسلەر يىغىنى يەنە 2021–يىللىق 4–قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش ئۆتكۈزدى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، دۆلەت دېڭىز–ئوكيان ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇڭ تەكلىپكە بىنائەن «زامانىۋى دېڭىز–ئوكيان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دېڭىز– ئوكيان ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش» دېگەن تېمىدا كونسۇلتاتسىيە دوكلاتى بەردى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، لۇ جەنگۇڭ، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۈڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ