مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ سىپرۇس زۇڭتۇڭى ئاناستا سىيادېس بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.12.02 09:53 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو بىلەن سىپرۇس دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش پەيتىدە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سىپرۇس زۇڭتۇڭى ئاناستا سىيادېس بىلەن تېلېفونلاشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن سىپرۇسنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيانقى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگو - سىپرۇس مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى بىردەك قارار قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سىپرۇس دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، چوڭ - كىچىك دۆلەتلەر دوستانە ئۆتۈشتە ئۈلگە ياراتتى. سىياسىي جەھەتتە، ئىككى دۆلەت بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلىرىدە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللىدى، ئۇلار ئۆزئارا ئىشىنىدىغان دوستلار؛ ئىقتىسادىي جەھەتتە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە، تېلېگراف قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا مول نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككى دۆلەت «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى ھەمراھلار؛ ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىمۇ كۈنسېرى قويۇقلاشتى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى قوللاپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولدى، جۇڭگو - سىپرۇس مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرى كۈنسېرى گەۋدىلەندى. جۇڭگو بىلەن سىپرۇس دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى پەيتىدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ دەۋر تەرەققىياتىنىڭ چوڭ يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ چىقارغان سىياسىي تەدبىرى بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقان جۇڭگو - سىپرۇس مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا تۆت تۈرلۈك تەكلىپ بەردى. بىرىنچى، ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئۆز ئالدىغا تاللىغان جەمئىيەت تۈزۈمى ۋە تەرەققىيات يولىغا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇر، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سىپرۇسنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى كۆرۈشنى خالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى سىپرۇسنىڭ يېشىل ئىقتىساد، رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش، يۇقۇمدىن كېيىنكى قايتا جانلاندۇرۇش، تەرەققىي قىلىشىغا پائال قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، سىپرۇس تەرەپنىڭ يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىغا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئۈچىنچى، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا تەرەققىيات يۆنىلىشىنى قوغداش كېرەك. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار، ھەمكارلىق چوڭ يۆنىلىشىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا تەرەپ بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنى خالايدۇ. سىپرۇس تەرەپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يولنى بويلاپ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تۆتىنچى، ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا تەرتىپنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. دېموكراتىيە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتى، پەقەت بىرلا خىل ھالەت، بىرلا خىل ئۆلچەم ئەمەس، ئايرىم دۆلەتلەر مونوپول خاراكتېرلىك چۈشەندۈرسە ھەم باشقىلارغا زورلاپ تاڭسا بولمايدۇ. جۇڭگو سىپرۇس تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ تولۇق بولغان ھوقۇق - مەنپەئەت ۋە ئەركىنلىكتىن ھەقىقىي بەھرىمەن قىلىشنى خالايدۇ.

  ئاناستا سىيادېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىپرۇس بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، سىياسىي، ئىقتىساد، جەمئىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو سىپرۇس تەرەپنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ھەمراھى ۋە دوستى. بۈگۈن بىز تېلېفونلاشقاندىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، سىپرۇس بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى رەسمىي جاكارلايدىغانلىقىمىزدىن ناھايىتى خۇشالمەن، بۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. سىپرۇس تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدا سودا، سېلىنما، ئادىمىيەت، ساياھەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سىپرۇس - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. سىپرۇس تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا ئادىل مەيداندا تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى خالايدۇ. سىپرۇس تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى تېلېفونلاشقاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سىپرۇس جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ