خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۇچا ناھىيەسى تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قېزىش، رەتلەش، قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن، نۆۋەتتە دۆلەت، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى 146 گە يېتىپ، قەدىمىي يۇرت كۈسەننىڭ تارىخ ئىزنالىرىنى نامايەن قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى. (مۇخبىر كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدا)
سۈرەتتە: 6- ئاۋغۇست يىغىپ ساقلىغۇچىلار كونا شەھەردە قەدىمىي ئىدىشلارنى كۆرگەزمە قىلماقتا.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى