خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاڭزۇڭزا چاغىنى يېقىنلاپ قالدى، تاڭزۇڭزا زۆرۈر يېمەكلىككە ئايلاندى. تاڭزۇڭزا يېيىشلىك بولسىمۇ، لېكىن ھەممە ئادەمنىڭ يېيىشىگە ماس كەلمەيدۇ. شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى قارماق دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جىن خۇي مۇنداق ئەسكەرتتى: دىئابىت بىمارلىرى ئەڭ ياخشىسى سۈزۈك سۇ تاڭزۇڭزىسىنى يېيىش كېرەك، پۇرچاق قىيامى، تۇخۇم سېرىقى، گۆش قاتارلىق قىيمىلىق ماتېرىيال ئارلاشتۇرۇلغان تاڭزۇڭزا يېسە بولمايدۇ، ھەمدە مىقدارىنى كونترول قىلىپ، كۈنىگە بىرنى يېيىشى كېرەك.
تاڭزۇڭزا يېگەندىن كېيىن قاندىكى قەنت مىقدارى بىردىنلا ئۆرلەپ كېتىدۇ. جىن خۇينىڭ تونۇشتۇرشىچە، ھەر يىلى تاڭزۇڭزا چاغىنىدىن كېيىن بۇ خىلدىكى بىمارلار ئۇچراپ تۇرىدىكەن. نۇرغۇن دىئابىت بىمارلىرى تاڭزۇڭزا شۇنچىلىك كىچىك تۇرسا بىر،ئىككىنى يېگەنگە نېمە بولاتتى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئادەتتەىكى بىر زۇڭزىغا بىر چىنىدىن بىر يېرىم چىنىگىچە گۈرۈچ كېتىدۇ. تەخمىنەن 400-500گىچە كالورىيە ئېنىرگىيە بار.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى