خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى ، فوتوسى : «ئۈچ ئەل » خىزمىتى بويىچە جۇڭگۇ نېفىت خېمىيە سانائەت گوروھى تارىم دەريا نېفىت ئايرىش مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن 2- تۈركۈمدە كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇن بازىرى سېغىنسۆگەت 2- كەنتگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى خىزمەتنىڭ نىشاننى ئاممىنى رازى قىلىشقا قارىتىپ، ئۈچ ئايدىن كۆپەرەك ۋاقىتتىن بۇيان بۇ كەننتىكى 1857 ئائىللەرگە قارىتا مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ، قانۇن- تۈرزۈم تەربىيەسى ۋە پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە بۇ ئائىلىلەرنى ئومۇمىيۈزلىك زىيارەت قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسىنى تۇلۇق ئىگىللەپ ھەم ھەل قىلىشنىڭ چارە – تەدبىرلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئاممىنىڭ رازىمەنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ھەققىي مايىل قىلدى .
سۈرەتتە: خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر16- ئىيۇن سىغىنسۆگەت 2- كەنت ئەزاسى مۇھەممەت راھماننىڭ ئائىلىسىدە يۈزتۈرانە تەشۋىقاتقا بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى