مۇھىم خەۋەرلەر

2027 ـ يىلىغا بارغاندا ئېلىمىز ئاممىۋى خەۋپسىزلىك بويىچە دۆلەت ۋە ساھە ئۆلچىمىدىن 300 دىن ئارتۇق تۈرنى تۈزىدۇ ۋە تۈزىتىدۇ

2024.06.05 15:53 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ بۈگۈن بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 6-ئاي مەملىكەت بويىچە 23-قېتىملىق «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» ئىكەن. بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى (دۆلەت ئۆلچەم كومىتېتى)، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى قاتارلىق 11 تارماق يېقىندا بىرلىكتە «ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئاساس سېلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقىتىپ، 2027-يىلىغا بارغاندا، دۆلىتىمىز جەمئىيەت ئامانلىقى، قاتناش-تىرانسپورت، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش، ئاممىۋى سەھىيە، تور ۋە سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى قاتارلىق 15 نۇقتىلىق ساھەدە 300 تۈردىن ئارتۇق ئاممىۋى خەۋپسىزلىكنىڭ دۆلەت ۋە ساھە ئۆلچىمىنى تۈزىدۇ ۋە تۈزىتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ