مۇھىم خەۋەرلەر

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى «ئامېرىكىغا ئەگەشمەيمىز» دەپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى! دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بايىلا ئىنكاس قايتۇردى

2024.06.05 15:52 مەنبە: خەلق تورى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇخبىر سوئال سوراپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى بوررېل 6-ئاينىڭ 2-كۈنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا جۇڭگو بىلەن «مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش» ئىنتايىن قىيىن، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ساقلاشنى ئۈمىد قىلىمىز، ياۋروپا ئامېرىكىغا ئەگىشىپ جۇڭگودىن تاموژنا بېجى ئالمايدۇ، سودا ئۇرۇشىدىن جەزمەن ساقلىنىش كېرەك، دېگەن، باياناتچى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ دېدى.

  ماۋ نىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز ئالاقىدار پوزىتسىيەگە دىققەت قىلدۇق. جۇڭگو تەرەپ باشتىن-ئاخىر جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش، قورۇقچىلىقنىڭ ئىستىقبالى يوق، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش توغرا يول، دەپ قارايدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى سودىدا بىر-بىرىگە ئىككىنچى چوڭ ھەمراھ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا تەمىنلەش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، قىممەت زەنجىرى ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان، چوڭقۇر ئۆزئارا سىڭىشكەن ئەندىزە شەكىللەنگەن. جۇڭگو تەرەپ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنى ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئاشكارا تىجارەت-سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەشكە كۈچ چىقىرىدۇ. ياۋروپا تەرەپنىڭ ئەركىن سودىدا چىڭ تۇرۇش، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن جۇڭگو-ياۋروپا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق چوڭ ۋەزىيىتىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ