مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو بارغانسېرى يالغۇز قېلىۋاتامدۇ؟ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا رەددىيە بەردى

2024.06.05 15:51 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 6-ئاينىڭ 4-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  چەت ئەل تاراتقۇسىنىڭ بىر مۇخبىرى مۇنداق سورىدى: ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جۇڭگو بۇ رايوندا بارغانسېرى يالغۇز قېلىۋاتىدۇ، ياپونىيە، كورىيە، ئاۋسترالىيە، سىنگاپور، فىلىپپىن، ھەتتا ۋىيېتناممۇ ئامېرىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېدى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟

  ماۋ نىڭ: مەن بۇ باش ئەلچىنىڭ سۆزىگە دىققەت قىلماپتىمەن، ئۇنىڭ ئالاقىدار سۆزلىرىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمەن. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ، مەن ئۇنىڭ نېمىشقا بۇنداق ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى چۈشەنمىدىم.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ