مۇھىم ئۇقتۇرۇش! ھۆكۈمەت تەرەپ ئايدىڭلاشتۇردى! 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ
2024.06.05 15:50 مەنبە: خەلق تورى
مۇخبىرنىڭ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2024-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى ئېنېرگىيە تېجەش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل-پاراخوتلارنىڭ ئاپتوموبىل-پاراخوت بېجىدا ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مەھسۇلات تېخنىكا تەلىپى تەڭشىلىدىكەن. ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار بەلگىلىك شەرتنى ھازىرلىغاندىلا ئاندىن ئېتىبار سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.
بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرى جەھەتتە، توكقا چېتىش تىپىدىكى (مۇساپە ئارتقۇزۇش تىپىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ ساپ توكلۇق داۋاملىق يۈرۈش مۇساپىسى شەرتلىك تەڭ ئۈنۈملۈك پۈتۈن توك مۇساپىسى 43 كىلومېتىردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. ساپ ئېنېرگىيەلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ داۋاملىق يۈرۈش مۇساپىسى 200 كىلومېتىردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. توكقا چېتىش تىپىدىكى ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك (مۇساپە ئارتقۇزۇش تىپىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ ساپ توكلۇق داۋاملىق يۈرۈش مۇساپىسى 50 كىلومېتىردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. ساپ توكلۇق يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ داۋاملىق يۈرۈش مۇساپىسى 80 كىلومېتىردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. توكقا چېتىلىدىغان ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ساپ توكلۇق داۋاملىق يۈرۈش مۇساپىسى 50 كىلومېتىردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. يېقىلغۇ باتارېيەلىك سودا ئاپتوموبىلى جەھەتتە، ساپ گازلىق ئاپتوموبىلنىڭ داۋاملىق يۈرۈش مۇساپىسى 300 كىلومېتىردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. سىياسەتتە يەنە باشقا جەھەتلەردىكى تېخنىكىلىق شەرت-تەلەپلەر بەلگىلەندى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ