6-ئاينىڭ 3-كۈنى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە ئەسكەرتمە بېرىلدى. يېقىندا، بەزى ئاپپارات ياكى شەخسلەر «خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ياشانغانلار خىزمىتى مەھكىمىسى»نىڭ نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئىشتات سىرتىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلغان. خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك ئەسكەرتمە بېرىلدى:
بىرىنچى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ياشانغانلار خىزمىتى مەھكىمىسى ئەزەلدىن ھۆججەت بېسىپ تارقىتىش ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق ئىشتات سىرتىدىكى خىزمەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرمىغان. ئاممىنىڭ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەي، زىيانغا ئۇچراشتىن سەقلىنىشىنى سورايمىز.
ئىككىنچى: ئامما ئەگەر قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ياشانغانلار خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ ئىشتات سىرتىدىكى خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ پايدا ئالغانلىقىنى بايقىسا، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلارغا ئەرز قىلسا، پاش قىلسا بولىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ