مۇھىم خەۋەرلەر

مائارىپ مىنىستىرلىقى مەكتەپ زوراۋانلىقى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى بوزەك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ كونكرېت تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇردى

2024.06.04 16:01 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە مەكتەپ زوراۋانلىقى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى بوزەك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ مەكتەپ زوراۋانلىقى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى بوزەك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشى توغرىسىدا كونكرېت خىزمەت تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ھەرقايسى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى بوزەك قىلىشنى تۈزەش كومىتېتى قۇرۇپ، بوزەك قىلىش قىلمىشىنى بېكىتىپ، قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. مەكتەپ ئىنتىزامى ۋە مەكتەپ قائىدىسىنى تۈزۈپ ۋە تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان بوزەك قىلىش قىلمىشلىرىغا مۇناسىپ كېلىدىغان جازالاش، ئاگاھلاندۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. بوزەك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش تېلېفونى، پوچتا ساندۇقى ۋە قانۇنچىللىق مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، بىخەتەرلىك خىزمىتىگە مەسئۇل مەكتەپ رەھبىرىنىڭ تېلېفونىنى ئېلان قىلىپ، تېلېفوندا ئىنكاس قىلىنغان ئەھۋاللارغا قارىتا تۇنجى سورالغۇچى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر بىر سىنىپتا ھەر مەۋسۇمدا ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم ئوقۇغۇچىلارنى بوزەك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش مەخسۇس تېمىسىدىكى سىنىپ يىغىنى ئېچىپ، ئوقۇغۇچىلارغا بوزەك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى ۋە ئۇسۇلىنى ئىگىلەش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى كېرەك. كارىدور، ئۆگزە، قازناق قاتارلىق يوشۇرۇن سورۇنلارنى سىنلىق نازارەت قىلىش بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى بوزەك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈزەش مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەسىنى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە ئائىلە باشلىقلىرىغا يۈزلىنىپ قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، پەرقلەندۈرۈش، تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ھەمدە ئارىلىشىپ بىر تەرەپ قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىپ، تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش، ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنى بوزەك قىلىش ۋە زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش يېتەكچى قوللانمىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈشى، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرىنى تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىشى كېرەك. قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، ھەرىكەتنى تۈزەش، تېخنىكىلىق ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە مەكتەپلەرگە زۆرۈر يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مەدەت بېرىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ