مۇھىم خەۋەرلەر

6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، بۇ يېڭى بەلگىلىمىلەر تۇرمۇشىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

2024.06.04 15:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  2024-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە يېڭى بەلگىلىمە يولغا قويۇلىدۇ

  توك بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى توك بىلەن تەمىنلەشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتىنى ئۈچ كۈندىن بىر كۈنگە قىسقارتىدۇ

  يېڭى نۇسخىدىكى «توك بىلەن تەمىنلەش تىجارەت قائىدىسى» 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، توك توختاش ياكى توك ئىشلىتىشكە چەك قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر تۈگىتىلگەندىن كېيىن، توك بىلەن تەمىنلەشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتىنىڭ ئۈچ كۈندىن بىر كۈنگە قىسقارتىلىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  ئۇرۇقنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ

  «ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇرۇقنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئاساسلىقى ئاپەت يۈز بەرگەن چاغدىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجى ۋە ئارتۇق-كېمىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  ئېكولوگىيە فۇنكسىيەسى مۇھىم رايونلاردا ئېكولوگىيەنى قوغداشنى قانات يايدۇرغان ئورۇن ۋە شەخسلەرگە تولۇقلىما بېرىلىدۇ

  «ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى بېرىش نىزامى» 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، قانۇن بويىچە بېكىتىلگەن نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونى، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى قاتارلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەسى مۇھىم رايونلاردا ئېكولوگىيەنى قوغداشنى قانات يايدۇرغان ئورۇن ۋە شەخسلەرگە تولۇقلىما بېرىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  خەلقئارا پوچتا پاراخوتى پورت تولۇقلىمىسى دائىم ئىشلىتىلىدىغان تۆۋەن خەتەرلىك ماددىي ئەشيا تىزىملىكى تۈزۈلدى

  «خەلقئارا پوچتا پاراخوتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پورتلىرىدىكى پورت تولۇقلىمىسى بەلگىلىمىسى» 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «دائىم ئىشلىتىلىدىغان خەتىرى ئاز ماددىي ئەشيالار تىزىملىكى» تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، خەلقئارا پوچتا پاراخوتى توختايدىغان پورت بار جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پورت بار جايدىكى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىن پىكىر ئېلىش ئاساسىدا، خەلقئارا پوچتا پاراخوتىنىڭ پورت تولۇقلىمىسى دائىم ئىشلىتىلىدىغان خەتىرى ئاز ماددىي ئەشيالار تىزىملىكى تۈزۈلۈپ، شۇ مەمۇرىي رايوندا پورت تولۇقلىمىسى بېرىشكە يول قويۇلىدىغان ۋە خەلقئارا پوچتا پاراخوتى تىجارىتىگە مۇناسىۋەتلىك دائىم ئىشلىتىلىدىغان خەتىرى ئاز ماددىي ئەشيالارنىڭ تۈرى ۋە سانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  ساھە ئۆلچىمى پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا ئاشكارا پىكىر ئېلىش ۋاقىت چېكى قېلىپلاشتۇرۇلدى

  ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى «ساھە ئۆلچىمىنى باشقۇرۇش چارىسى» 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ساھە ئۆلچىمىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىش، مۇددىتى ئادەتتە 30 كۈندىن كەم بولماسلىق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  كارخانىلار بىۋاسىتە بانكىدا تاشقى پېرېۋوت تىزىملىكىنى تىزىملىتالايدۇ

  «سودا تاشقى پېرېۋوت كەسپىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ھەرقايسى شۆبە ئىدارىلىرىنىڭ «سودا تاشقى پېرېۋوت كىرىم-چىقىم كارخانىلىرى تىزىملىكىنى تىزىملاش»نى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەلىپى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، چېگرا ئىچىدىكى بانكىلاردا تىزىملىكنى بىۋاسىتە تىزىملاشقا ئۆزگەرتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  دۆلىتىمىزنىڭ ئامانلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى تۇنجى قېتىم بەرپا قىلىنىدۇ

  «ئامانلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش سىستېما تەلىپى ۋە ئىشلىتىش كۆرسەتمىسى»نىڭ دۆلەت ئۆلچىمى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ئۆلچەمدە ئامانلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي تەلىپى بەلگىلەنگەن بولۇپ، خېيىم-خەتەرنى باشقۇرۇش رامكىسى تەمىنلەنگەن ھەمدە ئامانلىق ساقلاش مۇلازىمىتى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىتى، رەھبەرلىك رولى، پىلانلاش، قوللاش، يۈرۈشتۈرۈش، نەتىجە-ئۈنۈمنى باھالاش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ۋە تەلىپى تەمىنلەنگەن.

  ئۆلۈپ كەتكەن پۇل ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ ئاز سوممىلىق ئامانەت پۇلىنى ئېلىش چېكى تەڭشىلىدۇ

  «ئۆلۈپ كەتكەن پۇل ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ ئاز سوممىلىق ئامانەت پۇلىنى ئېلىشنى ئەلالاشتۇرۇشقا ئالاقىدار تەلەپلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسەن، 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئۆلۈپ كەتكەن پۇل ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ ئاز سوممىلىق ئامانەت پۇلىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېلىش ئىسچوت چېكى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 10 مىڭ يۈەندىن بىر تۇتاش 50 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ.

  ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش سىياسىتىنىڭ فۇنكسىيەسى جارى قىلدۇرۇلۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

  «ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ھەمكارلىقىدا يېڭىلىق يارىتىپ سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىقتىدارى بار دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلار، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى قاتارلىق تۈرلۈك تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ سېتىۋېلىشقا پائال قاتنىشىپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەمەلىي تېخنىكا تەتقىقاتىغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

  2024-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ يەرلىك يېڭى بەلگىلىمە يولغا قويۇلىدۇ

  شاڭخەي

  تۇرالغۇ بىنا ئىچىدە توكلۇق ۋېلىسىپىتقا ۋە ئۇنىڭ ئاككۇمۇلياتورىغا توك قاچىلىسا جەرىمانە قويۇلىدۇ

  تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «شاڭخەي شەھىرىنىڭ موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى» 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇپ، تۇرالغۇ بىنالىرىنىڭ زال ئىچى رايونىدا توكلۇق ۋېلىسىپىت ۋە ئۇنىڭ ئاككۇمۇلياتورىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ توختىتىپ قويغان، قويۇپ قويغان ياكى توكلۇق ۋېلىسىپىت ۋە ئۇنىڭ ئاككۇمۇلياتورىغا توك قاچىلىغانلارغا 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  جېجياڭ

  يەر ئاستى تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

  «جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شەھەر يوللىرىنى باشقۇرۇش چارىسى» 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، شەھەر يوللىرىنى يېڭىدىن ياساش، ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىشتە، كۆپ خىل تىپتىكى يەر ئاستى تۇرۇبا كارىدورىنى ماس قەدەمدە بەرپا قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  سىچۇەن

  كەسپىي خادىملارنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق قانۇن مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ

  «سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى نىزامى» 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، كەسپىي بىلىمگە ئىگە خادىملار ۋە كەسپىي جەمئىيەتلەر قاتارلىقلارنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق قانۇن مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ ۋە يېتەكلىنىدۇ.

  فۇجيەن

  ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى تەمىنلىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ

  «فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى» 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، شارائىتى بار مەھەللە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ. جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنىڭ ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

  جياڭشى

  كۆپىيىشكە ياردەم بېرىش تۈرىدىكى داۋالاش مۇلازىمەت تۈرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ

  «جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى داۋالاش مۇلازىمىتى تۈرى چىقىمىنى باشقۇرۇش مۇندەرىجىسى(2024-يىلى)» 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇپ، «تۇخۇم ئېلىش تېخنىكىسى» «سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش» قاتارلىق توققۇز خىل كۆپىيىش تۈرىدىكى داۋالاش مۇلازىمىتى تۈرى ئۆلكىلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىم دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

  شەندۇڭ

  دۆلەتنىڭ 3-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىدىكى دىزېل يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ شۇ ئۆلكىگە يۆتكىلىپ كىرىشى چەكلىنىدۇ

  شەندۇڭدىكى ئۈچ تارماق ئۇقتۇرۇش تارقاتتى، 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، دۆلەتنىڭ 3-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىدىكى دىزېل يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىگە يۆتكىلىپ كىرىشى چەكلىنىدۇ.

  نىڭشيا

  داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئاتچوت قىلىش مۇندەرىجىسى دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ

  نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى ئۇقتۇرۇش تارقاتتى، 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قىسمەن داۋالاش مۇلازىمىتى تۈرلىرىنىڭ چىقىم قىلىش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، X سىزىقى كومپيۇتېر بەدەن قاتلىمى (CT) تەسۋىر ھاسىل قىلىش(يۈرەك ئىقتىدارى بويىچە تەسۋىر ھاسىل قىلىش) قاتارلىق 70 داۋالاش تۈرى ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.

  خۇنەن

  ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان قۇرۇلۇشتا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇندىن مەبلەغ سەپلەپ قۇرۇلۇش قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ

  «خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈش باھاسىنى باشقۇرۇشقا دائىر بىر قانچە بەلگىلىمىسى» 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇندىن مەبلەغ سەپلەپ قۇرۇلۇش قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ