مۇھىم خەۋەرلەر

بۇ يىل يازدا جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى قىسمەن رايونلاردا زىيادە يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلۈشى مۇمكىن

2024.06.04 15:28 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 3-كۈنى جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل يازدا جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا ئادەتتىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن يۇقىرى بولىدىكەن، جەنۇبتىكى قىسمەن رايونلاردا يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.

  شۇ كۈنى، دۆلەت كىلىمات مەركىزىنىڭ باش مەلۇماتچىسى جېڭ جىخەي جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: بۇ يىل يازغا نەزەر سالساق، جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا ئادەتتىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق كۈن سانى كۆپرەك بولىدۇ. جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمى، شەرقىي قىسمىنىڭ شىمال ۋە جەنۇب تەرەپلىرى، ئوتتۇرا جۇڭگونىڭ جەنۇبىي قىسمى، جەنۇبىي جۇڭگو، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا باسقۇچ خاراكتېرلىك يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئىسسىق دولقۇن كۆرۈلۈشى، قىسمەن رايونلاردا زىيادە يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

  جېڭ جىخەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقىرى تېمپېراتۇراغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ بىۋاسىتە ئامىل ئاتموسفېرا ئايلانما ئېقىمى. بۇ يىل جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئېلنىنو بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئېلنىنو ئارقا كۆرۈنۈشى سۇبتروپىك بەلباغ يۇقىرى بېسىمىنىڭ كۈچىيىشىگە پايدىلىق، بۇ يىل قوشۇمچە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئومۇمىي جەھەتتىن بىرقەدەر كۈچلۈك بولدى. ھازىر قوشۇمچە يۇقىرى پەللە ئاساسلىقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەتراپىدا بولۇپ، كېيىن ئۇنىڭ شىمالغا كۆتۈرۈلۈشى جۇڭگونىڭ جەنۇبىي قىسىملىرىدىكى رايونلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ