ئاپتونوم رايونىمىزدا مەخسۇس ھەرىكەت يولغا قويۇلۇپ،4000 دىن ئارتۇق نۇقتىلىق سورۇننىڭ سىگىنالى ياخشىلىنىدۇ
2024.06.04 15:25 مەنبە: خەلق تورى
ئاپتونوم رايونىمىز «سىگنال كۈچەيتىپ تيانشاننىڭ بۆلەك-بۆلەكلىرىگە يەتكۈزۈش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، كۆچمە تورنى چوڭقۇر قاپلاشنى تېزلىتىپ، تور سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئابۇنىچىلارنى ياخشى، ئىقتىدارى كۈچلۈك يۇقىرى سۈپەتلىك تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يېقىندا، شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مائارىپ نازارىتى قاتارلىق 13 تارماق بىلەن بىرلىكتە مەخسۇس ھەرىكەتنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تارقاتتى. ئىككى يىل ئىچىدە 4000 دىن ئارتۇق نۇقتىلىق سورۇننى كۆچمە تور بىلەن چوڭقۇر قاپلاش، 1800 كىلومېتىرلىق نۇقتىلىق تۆمۈر يول ۋە 15 مىڭ 600 كىلومېتىرلىق نۇقتىلىق تاشيول، تولۇق مىقدارلىق مېترو لىنىيەلىرىنىڭ ھەممىسىدە كۆچمە تور بىلەن ئۇدا قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، كۆچمە تورنىڭ چۈشۈش ئوتتۇرىچە قىممەت ئۇلىنىش سۈرئىتى Mbps220 دىن، چىقىش ئوتتۇرىچە قىممەت ئۇلىنىش سۈرئىتى Mbps45 دىن تۆۋەن بولمايدۇ، كۆچمە تور (G4 ۋەG5) سىگنالىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىش، كۆچمە ئابۇنىچىلاردىن كەسپ بېجىرىش تەرەپكىچە بولغان كەسپىي سېزىمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش، بايلىق ئامىلى كاپالىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، كۆزىتىش، باھالاش ئىقتىدارىنى داۋاملىق كۈچەيتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ