خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن ۋېنچىڭ 5-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە ئومۇمىي دۆلەت بىخەتەرلىكى قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى مۇكەممەل، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېررورلۇق، زوراۋانلىققا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش، تېرورلۇق، زوراۋانلىق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
چېن ۋېنچىڭ قەشقەر، ئىلى، ئۈرۈمچى ۋە بىڭتۇەن 4-شىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئاساسىي قاتلامدىكى سىياسىي-قانۇن ئورۇنلىرى، كوچا باشقارمىسى، مەھەللە، چېگرا ئېغىزلىرىغا بېرىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىخەتەرلىك، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: شىنجاڭدىكى سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن-ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا دەل زەربە بېرىپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلىشى لازىم.
چېن ۋېنچىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى. تۈرلۈك خىزمەتلەردە قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلى ئارقىلىق خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىش، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، قانۇن بويىچە زەربە بېرىش، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش لازىم. ھازىر بىلەن كەلگۈسى، يۈزەكى تۈزەش ۋە ماھىيەتتىن تۈزەش، تەرتىپنى ساقلاش بىلەن ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن ئاممىغا قولايلىق يارىتىش قاتارلىق مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئاساسىدا ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
تاشقورغان، قورغاس چېگرا رايونلىرىدا، چېن ۋېنچىڭ چېگرانى مۇستەھكەملەش بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان سىياسىي-قانۇن كادىر-ساقچىلىرىنى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، سادىقلىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى بەدەل تۆلەپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، سىياسىي-قانۇن كادىر-ساقچىلىرىنىڭ ئېسىل ئىستىلنى ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، چېگرا بىخەتەرلىكى مۇداپىئە سېپىنى قەتئىي مۇستەھكەملىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ سىياسىي قانۇن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە يۇقىرى ساپالىق سىياسىي قانۇن تۆمۈر ئارمىيەسى بەرپا قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. سادىقلىق جەھەتتە كۈچ چىقىرىپ، ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەت جەھەتتە باشتىن-ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. پاكلىق ئۈستىدە كۈچ چىقىرىپ، ئىنتىزام ۋە قائىدىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا كۈچ چىقىرىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق بولغاندا ئالدىدا مېڭىشقا، غەلبە قىلىشقا باشتىن-ئاخىر كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، چېن ۋېنچىڭ غۇلجىدا قىسمەن ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) لەرنىڭ بۆلگۈنچىلىككە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مەملىكەت بويىچە بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن چىڭ تۇتۇپ، زور خەۋپ-خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ھەل قىلىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ سىجىل مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى