چۇڭچىڭ ساقچى تەرەپ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 65 قىمار شايكىسىنى بىتچىت قىلدى
2024.05.31 14:01 مەنبە: خەلق تورى
مۇخبىرنىڭ چۇڭچىڭ شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ئامانلىق باشقۇرۇش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، «چىڭفېڭ 2024» مەخسۇس ھەرىكىتىدە، چۇڭچىڭدىكى گۇڭئەن ئورگانلىرى يېزىلاردىكى قىمارغا چېتىشلىق 233 دېلونى پاش قىلىپ، 65 قىمار شايكىسىنى بىتچىت قىلدى، دېلوغا چېتىشلىق 6 مىليون 580 مىڭ يۈەن مەبلەغنى تەكشۈرۈپ تۇتۇپ قالدى.
مەخسۇس ھەرىكەت مەزگىلىدە، چۇڭچىڭ ساقچىلىرى چوڭقۇر يوشۇرۇنغان، زىيىنى چوڭ بىر تۈركۈم يەر ئاستى قىمارخانىلىرى ۋە قىمار ئۇۋىلىرىنى قېزىپ قولغا چۈشۈردى. يېقىندا چۇڭچىڭ خېچۈەن رايونىدىكى ساقچىلار بىر يەر ئاستى كۆچمە قىمارخانىنى بىتچىت قىلدى. بۇ يىل 4-ئايدا خېچۈەن رايونىدىكى ساقچىلار بەزىلەرنىڭ خېچۈەن شەھەر رايونى ئەتراپىدا يەر ئاستى قىمارخانا ئېچىپ، نۇرغۇن قىمارۋازلارنى جەلپ قىلغانلىق يىپ ئۇچىغا ئېرىشتى. ساقچىلار نەچچە كۈن يوشۇرۇن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ يەر ئاستى قىمارخانىنىڭ ئورنىنى يوشۇرۇن تاللىغانلىقىنى ھەمدە ھەر كۈنى مەيدان ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى بايقىدى. قىمارغا قاتناشقۇچىلار ھەر قېتىم قىمار ئويناشتىن بۇرۇن قىمارخانىنىڭ كونكرېت ئورنىنى بىلىدىكەن، مەخسۇس ئاپتوموبىل ئاپىرىپ ئەكىلىدىكەن ھەمدە يانفونىنى تاپشۇرىدىكەن. قىمارخانا ئەتراپىدا يەنە ئاشكارا پوست ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. يېقىندا ساقچىلار قىمارخانىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن تورنى يىغىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى، نەق مەيداندا 47 ئادەم كونترول قىلىندى. ھازىر بىر ئادەم جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى، 36 ئادەمگە مەمۇرىي جازا بېرىلدى ھەمدە جەرىمانە قويۇلدى، 400 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قىمار دەسمايىسى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلدى، دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ