شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ جۇڭگو تىل ـ يېزىقى ئوقۇتۇشى بويىچە «100 مەكتەپ تۈرى»دىكى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت قايتۇردى

2024.05.28 09:53 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يېقىندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ جۇڭگو تىل ـ يېزىقى ئوقۇتۇشى بويىچە «100 مەكتەپ تۈرى»دىكى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى جۇڭگو تىل ـ يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىپ، جۇڭگونى چۈشىنىپ، جۇڭگو ـ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەن ھەربىرىڭلارنىڭ خېتىنى ئوقۇپ، ھەربىر سۆز ـ ئىبارىدىن، خەتنىڭ مەزمۇنىدىن كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتىنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ھېس قىلدىم. بەش يىل ئىلگىرى، مەن زۇڭتۇڭ مۇھەممەد بىلەن بىرلىكتە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ جۇڭگو تىل ـ يېزىقى ئوقۇتۇشى بويىچە «100 مەكتەپ تۈرى»نى يولغا قويغانىدۇق، بۈگۈنكى كۈندە، «جۇڭگو تىل ـ يېزىقىنى ئۆگىنىش»نىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە بىر خىل يېڭى كەيپىياتقا ئايلىنىپ، سىلەرگە ئوخشاش مۇشۇنداق بىر تۈركۈم جۇڭگو ـ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئالاقە كىچىك ئەلچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىلەر خېتىڭلاردا جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ «قول تۇتۇشقانلىقى»غا 40 يىل بولدى، جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مەڭگۈ ياخشى دوستلاردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دەپ يېزىپسىلەر، جۇڭگو خەلقىمۇ ئوخشاش ئۈمىدتە. ياش ـ ئۆسمۈرلەر جۇڭگو ـ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. سىلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مۈشۈكئېيىقنى كۆرۈشىڭلارنى، سەددىچىن سېپىلىغا چىقىشىڭلارنى، چوڭ بولغاندىن كېيىن جۇڭگوغا كېلىپ داشۆدە ئوقۇشۇڭلارنى قارشى ئالىمىز، شۇنداقلا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى تېخىمۇ كۆپ ياش ـ ئۆسمۈرنىڭ جۇڭگو تىل ـ يېزىقىنى ئۆگىنىپ، جۇڭگونى چۈشىنىپ، جۇڭگودىكى ياش ـ ئۆسمۈرلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سىردىشىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، دوستلۇق ئۇرۇقىنى قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ، جۇڭگو ـ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى قارشى ئالىمىز.

  2019 ـ يىلى 7 ـ ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن شۇ چاغدىكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئابۇزەبىنىڭ تەخت ۋارىسى مۇھەممەدنىڭ ئورتاق گۇۋاھلىقىدا، جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بېيجىڭدا ئەسلەتمە ئىمزالاپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ جۇڭگو تىل ـ يېزىقى ئوقۇتۇشى بويىچە «100 مەكتەپ تۈرى»نى رەسمىي باشلىغان. ھازىرغىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە 171 مەكتەپتە جۇڭگو تىل ـ يېزىقى دەرسى تەسىس قىلىنىپ، 71 مىڭ ئوقۇغۇچى جۇڭگو تىل ـ يېزىقىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ. يېقىندا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ «100 مەكتەپ تۈرى»دىكى ئۈلگە كۆرسىتىش مەكتىپى بولغان ھامدان مەكتىپى بىلەن ياسى مەكتىپىدىكى 40 نەپەر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋەكىلى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا جۇڭگو تىل ـ يېزىقىدا شى جۇشىغا خەت يېزىپ، جۇڭگو مەدەنىيىتىگە بولغان ئىنتىلىشى ۋە قىزغىن مۇھەببىتىنى، جۇڭگو ـ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دوستلۇقىنىڭ ئەلچىسى بولۇشقا ئىرادە باغلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ