شى جىنپىڭ جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 10 ـ نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىدۇ

2024.05.28 09:56 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 5 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى مۇنداق ئېلان قىلدى: جۇڭگو ـ ئەرەب دۆلەتلىرى ئىككى تەرەپ ئورتاق كېڭىشىش ئارقىلىق جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 10 ـ نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنى 5 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈشنى بېكىتتى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ رەئىسى، ماۋرىتانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مارزۇك بىلەن بىرلىكتە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ئەرەب دۆلەتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ياكى ۋەكىللىرى ھەم ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى يىغىنغا قاتنىشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ