مۇھىم خەۋەرلەر

«يازنىڭ ئۈچ ئىشى»دا بۇغداينى كەڭ كۆلەمدە كومبايىندا يىغىش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى

جايلار 60 مىليون مودىن ئارتۇق يەردىكى كۈزگى بۇغداينى يىغىۋالدى

2024.05.28 09:58 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە «يازنىڭ ئۈچ ئىشى»دا بۇغداينى كەڭ كۆلەمدە كومبايىندا يىغىش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر بۇغداي ئورۇش سۈرئىتى %20كە يېقىنلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە غەربىي جەنۇب رايونى ۋە خۇبېيدا بۇغداي يىغىش ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىرگەن، خېنەندە بۇغداي يىغىش سۈرئىتى %20كە يەتكەن، جياڭسۇ، ئەنخۇي، شەنشىدە بۇغداي يىغىش باشلانغان. 5-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 17گىچە، جايلار 60 مىليون مودىن ئارتۇق يەردىكى كۈزگى بۇغداينى يىغىپ بولغان، كۈندىلىك كومبايىن بىلەن يىغىۋېلىنغان كۆلەم ئۇدا تۆت كۈن تۆت مىليون مودىن ئاشقان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل «يازنىڭ ئۈچ ئىشى»دا، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرى مۆلچەر بويىچە 16 مىليون 500 مىڭ دانە (يۈرۈش) تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنى ئىشقا سېلىپ، يازلىق يىغىم، يازلىق تېرىم ۋە يازلىق پەرۋىشنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

  «يازنىڭ ئۈچ ئىشى»دا بۇغداينى كومبايىندا يىغىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى قاتناش تىرانسپورت، مېتېئورولوگىيە، نېفىت، نېفىت-خىمىيە قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلات مۇلازىمىتى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، بۇغداي يىغىدىغان ئۆلكىلەرنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشىنى بالدۇر ئورۇنلاشتۇردى. ھازىر بۇغداي يىغىدىغان ئۆلكىلەردە رايون ئاتلاپ مەشغۇلات قىلىدىغان كۈتۈۋېلىش مۇلازىمەت پونكىتىدىن 2000ى تەسىس قىلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ