مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەز قاتلىمىدىن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

سەي چى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى

2024.01.30 13:33 مەنبە: خەلق تورى

  مەركەز قاتلىمىدىن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى يىغىنى 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۈزۈل - كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا تېخىمۇ ياخشى رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەسىلە يۆنىلىشىدە يەنىمۇ چىڭ تۇرۇپ، «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى»، «ئوبراز قۇرۇلۇشى»، «يۈز قۇرۇلۇشى» قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ تۈزىتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى سىجىل كۈچەيتىپ، مەخسۇس تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك. ماقالىنى ئىخچاملاش، يىغىننى ئازايتىش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش جەريانىدىكى مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، مىقدارنىڭ قاتتىق چەكلىمىسىنى ساقلاپ، سۈپەتنى ئەلالاشتۇرۇش، ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، يۈزەكى ئىش قىلماي، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا توپلىشىپ قېلىش، تەڭشەشكىلا ئەھمىيەت بېرىپ، تەتقىق قىلماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ھەل قىلىش كېرەك. «بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق»نى كۈچەپ تۈزىتىش، تىپىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، سانلىق مەلۇمات توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ساقلىنىۋاتقان ئاددىي ھالدا «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»تەك ئۇسۇلىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، «كۆز بويامچىلىق قىلىش»نىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تۈرلۈك بەرپا قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش پائالىيىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال ئىشلارنى قىلماسلىق كېرەك. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورۇنلاردىن خادىملارنى ۋاقىتلىق يۆتكەشنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك. بايرام مۇنبىرى كۆرگەزمىسىنى كۈچەپ ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. باھالاش چارىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلارنى مۇرەككەپ باھالاشتىن قۇتۇلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا ئىشلىتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ «قالايمىقان ۋىۋىسكا ئېسىش» مەسىلىسىنى كۈچەپ ئېنىقلاپ، ئاساسىي قاتلام ئىشلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت ئىجازىتى تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكەلنى ئىگىلەشنى مەنبەدىن كۈچەيتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپىلار) ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، قەرەللىك تەتقىق قىلىپ، تەھلىل قىلىپ، كونكرېت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «بىرىنچى قول رەھبەر» ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شەكىلۋازلىق ئارقىلىق شەكىلۋازلىقنى تۈزەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تىپىك دېلو مىساللىرىنى تەكشۈرۈپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشنى دائىملاشتۇرۇپ تۇتۇپ، تۈزىتىشنى قانات يايدۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، جايلار سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش-كۆزىتىشنى ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسى تارماقلار باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. مەنبەدىن تۈزەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ماھىيەتتىن تۈزەپ، ھەم ئىدىيە ۋە مەنپەئەت جەھەتتىن تۈپتىن تۈزەپ، ھەقىقىي تۇتۇش قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەشنى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە ئۈنۈم قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمىغا ئەزا ئورۇنلار، ئالاقىدار تارماقلار، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ