مۇھىم خەۋەرلەر

جەزمەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى چىڭ قائىدە قىلىش كېرەك

2024.01.29 14:10 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭ سەيۋېن

  مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «جەزمەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى چىڭ قائىدە قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.» بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش ئاساسىدا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى ۋە چوڭقۇرلاشتۇردى. بۇ قانۇنىيەتلىك تونۇشنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پۇختا ماددىي تېخنىكا ئاساسىغا ئىگە بولۇش شەرت. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچنى زورايتقاندىلا، ئاندىن خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تۇرمۇش سەۋىيەسىنى تەدرىجىي ھالدا ئوتتۇرا ھال تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئۆز قەرەلىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ. بەزى دۆلەتلەرنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا، سودا قاتارلىقلارنى چەكلىشى، بېسىشى ئالدىدا، پەقەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتكەندىلا، ئاندىن خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنىڭ راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى يەنە داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، لېكىن دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئاجىز، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېشىللىشىشى، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشىغا تۈرتكە بولغاندىلا، ئاندىن مۇھىت سىغىمى چەكلىك بولۇشتەك قىيىنچىلىقلارنى يەڭگىلى بولىدۇ. ئاھالىلەرنىڭ كىرىم پەرقى ۋە بايلىق تەقسىماتى پەرقى يەنىلا بىرقەدەر چوڭ بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتقاندىلا، ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. نۇرغۇن خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپى ئالدىدا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچتىن ئىبارەت بۇ مەخرەجنى زورايتىپ، خەۋپ - خەتەردىن ئىبارەت بۇ مولېكۇلانى سۇيۇلدۇرغاندىلا، ئاندىن تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى چىڭ قائىدە قىلىش، نەزەرىيەنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشىنى نامايان قىلدى، تارىخىي ئىلگىرىلەش ۋە ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

  يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، لېكىن يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىگە بولغان تونۇش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشنى تەدرىجىي ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئېلىمىزنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىدا يېڭى بۆسۈش بولدى، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا، مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا ئالدىنقى سېپى، يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق قاتارلىق ساھەلەردە نۇرغۇن ئابىدە خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى بارلىققا كەلدى. شەھەر - يېزىلارنىڭ رايون تەرەققىياتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچەيدى، مۇھىم، زور رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىلدى. يېشىل، ئايلانما، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتتا پۇختا قەدەم تاشلاندى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتا تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئومۇمىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلىنىپ، ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىدىن بەھرىمەن بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، بەزى جايلار ۋە تارماقلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا بولغان تونۇشى تېخى يېتەرلىك ئەمەس، ئەمەلىيەت يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس.

  يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئاچقۇچى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشتا. بىز تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كەسكىن خەلقئارا رىقابەتتە تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلىشىمىز، مۇھىمى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىشىمىز كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىدىكى يادرولۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىرتقا كېڭىيىشتىن ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتقا ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ زېمىنى كەڭ، نوپۇسى كۆپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، ماس بولماسلىق ئوبيېكتىپ رېئاللىق، بۇ ھەم پەرق، يەنە يوشۇرۇن كۈچ. ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، رايونلارنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسى، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىسادىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە دۆلەت زېمىن بوشلۇقى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كاربوننىڭ چوققا كاربون بىلەن نېيتراللىشىشىنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. ئېچىۋېتىش ئىلگىرىلەش ئېلىپ كېلىدۇ، بېكىنمىچىلىك مۇقەررەر ئارقىدا قالىدۇ. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، سودا – مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۇنياۋى كەسىپلەر ئىش تەقسىماتى ۋە ھەمكارلىقىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، قائىدە - تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىش كېرەك. چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى پۇختا، ياخشى ھەل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، بەزى مۇھىم، زور مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش شەرت. سۈرئەت بىلەن سۈپەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشتا، ھەم سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەر يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ قىلىش كېرەك، يەنە بىخەتەرلىكنى كۆزلەپ ئالغا باسماي توختاپ قىلىشقا بولمايدۇ. تەرەققىيات بىلەن مۇھىت ئاسراشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللاشتۇرۇش، ئاشۇرۇشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىچكى - تاشقى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، ئىچكى - تاشقى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن مەۋھۇم ئىقتىسادنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادتىن مەۋھۇم ئىقتىسادقا ئۆتۈشتىن قەتئىي ساقلىنىپ، ئەمەلىي ئىقتىساد تىرەك قىلىنغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. ھازىر بىلەن كەلگۈسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت كۆزلىمىسىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئېشىش ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ