مۇھىم خەۋەرلەر

خاسىڭ يىغقاندا «چاڭ-توزان كۆتۈرۈلۈپ ھاۋانى بۇلغايدۇ»؟

«قارىغۇلارچە قوماندانلىق قىلىش» دېھقانلارغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرسە بولمايدۇ!

2023.11.07 22:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، خېنەن ئۆلكىسى شىنشياڭ شەھىرى يەنجىن ناھىيەسى ۋېيچيۇ يېزىسىدا خاسىڭ يىغىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن بىر قىسىم دېھقانلارنى يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى توختىتىپ قويغان. دېھقانلارنىڭ گۇمانى ۋە سوئاللىرىغا خىزمەتچى خادىملارنىڭ بەزىلىرى «بۈگۈن رەھبەرلەر تەكشۈرۈشكە كېلىدۇ» دېگەن، بەزىلىرى «چاڭ-توزان پۇرقىراپ كۆتۈرۈلىۋاتىدۇ»، «مەن كەتسەممۇ قىلساڭلار بولمايدۇ» دېگەن، سەۋەبى ناھايىتى كۆپ، پوزىتسىيەسى ناھايىتى قوپال بولغان. توردا تارقالغان سىن كۆرۈنۈشىدە، ياندىكى چارلاش ئاپتوموبىلىنىڭ كانىيىدا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىغا ئالاقىدار مەزمۇنلار تەكرار ئاڭلىتىلغان.

  بۇ دەل كۈزلۈك يىغىم مەزگىلى. خاسىڭلار پىشقاندا، دېھقانلار تەبىئىيلا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ خاسىڭلارنى يىغىپ، خاسىڭلارنى ئامبارغا تولۇق كىرگۈزۈشگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا تۆت-بەش ئايدىن بۇيانقى جاپالىق تېرىقچىلىق ئەجرى بىكارغا كەتمەيدۇ. ھوسۇل يىغىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن دېھقانلارنىڭ كومبايىندا ئورۇشى ناھايىتى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۇ جايدىكىلەر دېھقانلارنىڭ خاسىڭلارنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن يىغىشىغا يول قويمىغان، يەنە ئورنىغا دەسسىتىدىغان تەدبىرمۇ ئورۇنلاشتۇرمىغان، ئەگەر دېھقانچىلىق ۋاقتىغا دەخلى يەتكۈزۈپ، خاسىڭلار ئېتىزدا سېسىپ كەتسە، بۇنىڭغا كىم مەسئۇل بولىدۇ؟

  شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ سەۋەبىگە قاراپ باقىدىغان بولساق پەقەتلا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. خاسىڭلارنى ئادەم كۈچى بىلەن يىغىشقا قارىغاندا دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى بىلەن ئورۇش مەشغۇلاتى تېز بولىدۇ، بىراق دەماللىققا چاڭ-توزان پەيدا قىلىدۇ، بۇ ساقلانغىلى بولمايدىغان ئەھۋال. لېكىن، ئېتىز-ئېرىق تېرىقچىلىقىدا پەيدا بولغان چاڭ-توزاننى ئاتموسفېرانى بۇلغايدۇ، دېيىشنىڭ ئاساسى يوق، بۇ ئەقەللىي ساۋاتقا خىلاپ بولۇشى مۇمكىن، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالىدۇ. ئەگەر راستتىنلا شۇنداق بولسا، كېيىن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، كۈزلۈك يىغىم ھەتتا پۈتكۈل يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ماشىنا ئىشلىتىشكە بولمامدۇ؟ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؟ يەنجىن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئېيتقان «چاڭ-توزان يول قاتنىشىغا تەسىر يەتكۈزدى»، «ئەتراپتىكى دېھقانلار كىيىم-كېچەكلىرىنى ئاپتاپقا سالالمىدى»، «يۇقىرى پەللىدىن ساقلىنىپ مەشغۇلات قىلسا بولىدۇ»، «كەچتە كۆپرەك يىغىشقا بولىدۇ» دېگەندەكلەرمۇ ئوخشاشلا قۇرۇق گەپ بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ گۇمان پەيدا قىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ھازىر كەنت ئاھالىلىرى جىددىي يىغىمنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

  يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى بار، بىز تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، تەبىئىي شارائىتقا ماسلىشىپلا قالماي يەنە يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ ھازىر ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى كۆلەملەشتۈرۈش، ماشىنىلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش بارغانسېرى ئومۇملاشماقتا. دېھقانلار ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنى پائال ئىشلەتمەكتە. بۇنىڭغا جايلاردىكى پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار كۆپرەك دىققەت قىلىشى، كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشى، دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى جەريانىدا دۇچ كەلگەن مەبلەغ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، بار كۈچى بىلەن ياردەم بېرىشى كېرەك، قارىغۇلارچە قوماندانلىق قىلىپ، قالايمىقان ئىش قىلىپ، دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرماسلىقى كېرەك. مەسىلەن، ئاتموسفېرانى بۇلغايدۇ دېگەندەك باھانىلەر بىلەن دېھقانلارغا «يۇقىرى پەللىدىن ئۆتكۈزۈپ» خاسىڭ يىغىش تەكلىپى بېرىدىغان ئىشنى يەنىلا قىلمىغان ياخشى!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ