مۇھىم خەۋەرلەر

خەلق تورى ئوبزورى: يېزا تاشيولىنى ھەم ياخشى ياساش ھەم ياخشى ئاسراش كېرەك

2023.11.07 22:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ناھايىتى كۈچلۈك باشلامچى، بولۇپمۇ يېزا رايونلىرىدا بىر بۆلەك يول ياسالسا، ئاممىغا بىر بېيىش ئىشىكى ئېچىلىدۇ. يېزا تاشيوللىرىنى يەنىمۇ ياخشى ياساپ، ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى يۈرۈشتۈرگەندىلا ئاندىن دېھقانلارنىڭ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشى، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

  يېزا-كەنت يوللىرىنى بارغانسېرى ئۇزارتىپ، بارغانسېرى زىچلاشتۇرۇش بىر كۈندىلا ۋۇجۇدقا چىقىدىغان ئىش ئەمەس. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئېلىمىز 2 مىليون 530 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ياساپ ۋە ئۆزگەرتىپ ياساپ، 1040 يېزا-بازار، 105 مىڭ ئىشتاتلىق كەنتكە يول تۇتاشتۇرۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ شارائىتى ھازىرلانغان ئىشتاتلىق كەنتلەرگە قاتتىق يول تۇتاشتۇرۇش، يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، پوچتا قاتناش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يېزا رايونلىرىدا يول يۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى. كەڭ يېزا رايونلىرى، كەڭ دېھقانلار ئاممىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، سەپەرگە چىقىش تېخىمۇ قولايلىق، ئەشيا ئوبوروتى تېخىمۇ راۋانلىشىپ، كىشىلەرنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ روناق تاپتى. سانسىزلىغان راۋان، گۈزەل يېزا تاشيوللىرى شەھەر-يېزىلار ئارىسىدىكى ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ ئېقىمى، ئۇچۇر ئېقىمىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئوبوروتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يېزا تاشيولىنى ياسىغاندا، تاغلىق يېزا تاشيولىنى گۈزەللەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ جانلىق ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.

  يولنى ياخشى ياساش، تېخىمۇ مۇھىمى ياخشى ئاسراش كېرەك. رېئاللىقتىن قارىغاندا، ئېلىمىز يېزىلىرىنىڭ تاشيول بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن بولسىمۇ لېكىن «يول ياساشقا ئەھمىيەت بېرىپ ئاسراشقا سەل قاراش»، «يول ياساشنى ئاسراشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش»، «ئاسراشتىن ۋاز كېچىپ يول ياساشنى ساقلاش» قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، مەملىكەت بويىچە تەخمىنەن 440 مىڭ كىلومېتىر ناچار يول بۆلىكىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدىكەن؛ يېزا تاشيوللىرىدىكى جىددىي ئەگىم، تىك داۋان، يارغا يېقىن، كەنت-بازارلارنى كېسىپ ئۆتۈش قاتارلىق يوشۇرۇن خەۋپ ساقلانغان يول بۆلەكلىرىدىن يەنە 1 مىليون 160 مىڭ كىلومېتىر يول بار. بۇ، يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى، باشقۇرۇش، ئاسراشتىكى كەمتۈكلۈك مەسىلىسىنى نىشانلاپ، باشقۇرۇش، ئاسراشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تېزدىن ئورنىتىپ، «يول بولسىلا چوقۇم ئاسراش، ئاسراشنى چوقۇم ئەمەلىيلەشتۈرۈش»نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرانسپورت مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇشتىن دېرەك بېرىدۇ.

  «2024-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ھازىر ساقلانغان خەتەرلىك كۆۋرۈكلەرنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، يېزا تاشيوللىرىنى ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شارائىتى ھازىرلانغان يېزا تاشيوللىرىنىڭ يول يۈزىنى تەكشۈرۈشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇپ، يېزا تاشيوللىرىنى ئىلمىي ئاسراشنى كۈچلۈك تەدبىر بەلگىلەش پايدىلانمىسىغا ئىگە قىلىش كېرەك». يېڭى نىشان، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ ياخشى قاتناش-تىرانسپورت كاپالىتى بىلەن تەمىنلىگەندىلا بىز ھەر بىر گۈزەل تاشيولنى بويلاپ دۆلىتىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىپ، گۈزەل تۇرمۇشقا قاراپ ئىلگىرىلىيەلەيمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ