مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭنىڭ «چوڭ» ئۆزگىچىلىكى

2023.11.07 03:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ تىلغا ئېلىنسا، نېمىنى ئويلايسىز؟ ئىشىنىمىزكى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا «چوڭ»، «گۈزەل» دېگەن سۆزلەر كېلىدۇ، شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، ئېلىمىزدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون، شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى ۋە گۈزەل مەنزىرىسىمۇ ناھايىتى مول، ئۆزگىچىلىككە ئىگە. ئەمەلىيەتتە، ئېلىمىزنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش ۋەزىيىتىدە، ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان شىنجاڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىغا ئايلانماقتا. 11-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلدى، بۇ ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگرا رايونىدا تەسىس قىلىنغان تۇنجى ئەركىن سودا سىناق رايونى.

  شىنجاڭدا ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنىڭ ئالاھىدىلىكىمۇ «چوڭ» ۋە «گۈزەل» بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋەتلىك. ئالدى بىلەن ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 180 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى سودا سىناق رايونلىرى ئىچىدە بىر قەدەر چوڭ. خەينەندىن باشقا ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ كۆلىمى 120 كىۋادرات كىلومېتىردىن تۆۋەن. ئەلۋەتتە، بۇ «چوڭ» تېخىمۇ چوڭ بۇرچنى كۆرسىتىدۇ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى دۆلەت بەرگەن 129 تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ. «گۈزەللىك»كە كەلسەك، ئۇ ھەم گۈزەل مەنزىرە، مەززىلىك تائاملار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ماھىيەتتە، شۇ جاينىڭ ئەۋزەل، ئۆزگىچە كەسپىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئومۇمىي لايىھەدە، باغۋەنچىلىك، ئۈزۈم ھارىقى قاتارلىق ئۆزگىچە مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، كۆلەملەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە ئىجتىمائىي ئۆرپ-ئادىتىگە تايىنىپ دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە يىپەك يولى ساياھەت كارىدورى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭدىن باشقا، پاختا توقۇمىچىلىق، نېفىت خىمىيە سانائىتى، رەڭلىك مېتال قاتارلىق كەسىپلەرمۇ قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  بۇ يىل ئېلىمىزدە ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. ئون يىلدىن بۇيان ئېلىمىز 22 ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، بۇ قېتىم يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، قالغان 21 ئەركىن سودا سىناق رايونى %0.4 كىمۇ يەتمەيدىغان دۆلەت زېمىنى بىلەن، چەت ئەل سودىگەرلىرى سالغان مەبلەغ ۋە ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسىنىڭ %20ىگە تۆھپە قوشتى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى. بۇ قېتىم شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى ئەمەلىيىتىنى ئېلىپ كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ