مۇھىم خەۋەرلەر

10 مىنۇتلۇق تەنەپپۇسنى بالىلارغا قايتۇرۇپ بېرەيلى!

2023.11.07 03:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى چېلىندى، ئىلگىرىكى قاينام-تاشقىنلىق مەكتەپ مەيدانى تىمتاسلىشىپ قالغان ئىدى. دەرس ئارىلىقىدىكى 10 مىنۇتتا بالىلارنىڭ سىرتقا چىقىپ پائالىيەت قىلىشىغا يول قويماسلىق، ھەتتاكى تازىلىق ئۆيىگە بېرىشتىن باشقا چاغدا دەرسخانا سىرتىغا چىققىلى قويماسلىق ھازىر بەزى مەكتەپلەرنىڭ بەلگىلىمىسى بولۇپ قالدى.

  بۇ ئاتالمىش قائىدىلەردە، بالىلارنىڭ تەنەپپۇستىكى ئون مىنۇتلۇق پائالىيەت دائىرىسى، پائالىيەت تۈرى، ئاۋازىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى تەپسىلىي بەلگىلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە سىنىپ مەسئۇلىنىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى سىنىپ نومۇرىنى تارتىپ جازالاشقا چېتىپ قويۇلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن، قارىماققا سەۋەب ئورۇنلۇقتەك كۆرۈنىدۇ، مەسىلەن، دەرس ئارىلىقىدا جېدەل قىلسا بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بېرىشى مۇمكىن، دەرس ئارىلىقىدا تەرتىپلىك بولۇش مەكتەپ مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ نامايان قىلىدۇ. ھالبۇكى، بالىلاردا مەسىلە كۆرۈلۈشتىن، مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلۈشتىن قورقۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنەپپۇستا سىرتقا چىقىپ پائالىيەت قىلىشىنى چەكلەشتىن ئىبارەت بۇنداق «ئاۋارىچىلىقى يوق، ھەم بىخەتەر» ئۇسۇلنى قوللىنىش ئەمەلىيەتتە بەزى جايلاردىكى مائارىپقا مەسئۇل تارماقلار ۋە مەكتەپلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ھورۇنلۇق قىلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

  ئىككى يىللار ئىلگىرى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكى ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلىنىش يۈكىنى تېخىمۇ يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى نەزەردە تۇتۇشنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەم ئېلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. تەنەپپۇستىكى ئون مىنۇت دەم ئېلىش ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئېھتىياجى. مەكتەپلەر بەلگىلىمە تۈزۈشتە بالىلارنىڭ تەنەپپۇستىكى دەم ئېلىش ۋاقتىنى قۇربان قىلىشنى ئەمەس بەلكى ئوقۇغۇچىلارغا غەمخورلۇق قىلىش، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى كۆپرەك ئويلىشى كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى بالىلارنى مەيدانغا چىقىپ يۈگۈرۈش، سەكرەش، ۋارقىراش، كۈلۈش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلماسلىقى كېرەك.

  ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بالىلار يۈگۈرۈشكە، سەكرەشكە، كۆزىنى ئارام ئالدۇرۇشقا، قۇياش نۇرىدىن، يامغۇردىن ۋە شەبنەمدىن بەھرلىنىشكە موھتاج. دەرسخانا، ئوقۇتۇش بىناسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا، يېتىشىپ چىقىدىغىنى پارنىك گۈللىرى بولۇپ قالىدۇ، «بودەك»لەر، «تۆت كۆز»لەر، «زىيادە سېزىمچان»لار بارغانسېرى كۆپىيىدۇ.

  نورمال تۇرمۇش رىتىمى، ئۆزئارا بېرىش-كېلىش قىلىدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيىتى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭلا ئىمتىيازى ئەمەس، بەلكى ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ ئېھتىياجى. ئويناش بالىلارنىڭ تەبىئىتى، ئۇلارنىڭ دۇنيانى بىلىش، دۇنيا ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۇسۇلى. جىددىي دەرس ئوقۇغاندىن باشقا ۋاقىتلاردا بالىلارنى بىر نەچچە «ئون مىنۇت» ئەركىن-ئازادە قويۇۋەتكەندىلا ئاندىن دەرس ئۆتۈلىدىغان «40 مىنۇت»تا ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ ياخشى يىغقىلى، ئۇلۇغۋار نىشان ئۈچۈن ئىزدىنىش ۋە ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى تەييارلىق قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

  بالىلارنىڭ تەنەپپۇستىكى ئون مىنۇتتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تەنەپپۇستىكى «سولاپ بېقىش» ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشتە ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار مەكتەپ ئىچىدىكى بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىگە دائىر قانۇن-نىزاملارنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك؛ مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەرلىك تەربىيەسى بېرىشنى كۈچەيتىپ، بالىلارنىڭ تەنەپپۇستا ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتىشى، چارلايدىغان ئوقۇتقۇچى قويۇش، ئەۋەتىش قاتارلىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك؛ ئائىلە باشلىقلىرى مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تولۇق چۈشىنىشى، ئۇلارغا ئىشىنىشى، مەسىلە كۆرۈلسە پائال پىكىر ئالماشتۇرۇشى، ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە ئاقىلانە قوغدىشى كېرەك.

  تەنەپپۇستىكى ئون مىنۇت قىسقا ھەم قىممەتلىك ۋاقىت. ساۋاقداشلار بىلەن پاراڭلىشىش، بىللە دۇكانغا بېرىش، مەيداندا كۈلكە-چاقچاق قىلىشىش... رەڭگارەڭ، ۋاراڭ-چۇرۇڭ، شوخلۇققا تولغان ھەر بىر «ئون مىنۇت» كىشىلەرنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز مەكتەپ تۇرمۇشىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، كۆپ يىللاردىن كېيىنمۇ يەنىلا قەلبلەرنى ئىللىتىدۇ. تەنەپپۇستىكى ئون مىنۇتنى بالىلارغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇلارغىمۇ بۇ ئالتۇن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان كىشىلىك ھايات خاتىرىسىنى قالدۇرۇش كېرەك. كۈلكە-پاراڭلارغا تولغان تەنەپپۇس مەكتەپنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، شۇنداقلا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئارزۇسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ