مۇھىم خەۋەرلەر

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئارىلىقىدىكى نورمال پائالىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك

2023.11.06 14:47 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، بىر قىسىم جايلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «دەرس ئارىلىقىدىكى ئون مىنۇت چەكلىمىگە ئۇچراش» مەسىلىسى جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  بۇنىڭغا قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرس ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم، ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەش، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئازادە بولۇش، تەن ساپاسىنى كۈچەيتىش ۋە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، 2021-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى مەكتەپ جەھەتتىن قوغداش بەلگىلىمىسى» (مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ 50-نومۇرلۇق پەرمانى) دە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئارىلىقىدىكى ۋە باشقا ئوقۇتۇش ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتتا نورمال پىكىر ئالماشتۇرۇشى، ئويۇن ئوينىشى، سىنىپتىن چىقىپ پائالىيەت قىلىشى قاتارلىق سۆز-ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەركىنلىكىگە زۆرۈر بولمىغان چەكلىمە قويۇشقا بولمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن ھەر كۈنى 30 مىنۇت چوڭ دەرس ئارىلىقىدىكى تەنتەربىيە پائالىيىتىنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەر سائەتلىك دەرس ئارىلىقىدا ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپتىن چىقىپ مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش ۋە ئارام ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

  بۇ مەسئۇل يولداش مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مائارىپ مىنىستىرلىقى جايلار ۋە مەكتەپلەرنىڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ قانۇنىيىتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىشىغا يەنىمۇ ھەيدەكچىلىك قىلىپ، «ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى باھانە قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ زۆرۈر دەرس ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىش ۋە پائالىيەتلىرىنى ئاددىي چەكلەش ئۇسۇلىنى قەتئىي تۈزىتىدۇ؛ يەرلىك ۋە مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئىلمىي يولغا قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە خادىملار نۆۋەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەرلىك ساۋاتلىرى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ خەتىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، بالىلارنى خۇشال، خاتىرجەم پائالىيەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەكتەپلەردىن ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ چۈشىنىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئارىلىقىدىكى نورمال پائالىيىتىگە ئورتاق تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ