مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇردى!

2023.11.06 14:46 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ شياۋگاڭ كانادانىڭ پاراخوت تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  مۇخبىر مۇنداق سورىدى: كانادا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، كانادانىڭ ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلانى يېقىندا جەنۇبىي دېڭىزدا جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ قىرغۇچى-11 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغانلىقىنى ئېيتتى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگو ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ «توسۇشى» ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەن. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟

  باياناتچى مۇنداق دېدى: يېقىندا كانادانىڭ «ئوتتاۋا» ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتىنىڭ مۇددىئاسى ئېنىق بولمىغان پاراخوت تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم جۇڭگونىڭ شىشا ھاۋا تەۋەلىكىگە قىستاپ كەلدى. بۇ مەزگىلدە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە ئەسكىرىي كۈچىنى تەشكىللەپ، قانۇن بويىچە پەرقلەندۈرۈپ تەكشۈرۈپ، كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولسىمۇ، كانادانىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئىنكاس قايتۇرمايلا قالماستىن، يەنە تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇش قاتارلىق ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى قوللاندى، ئىشتىن كېيىن تاراتقۇلار ئارقىلىق ھەدەپ مۇبالىغە قىلىپ، جۇڭگونى ئەيىبلىدى ۋە جۇڭگوغا قارا سۈركىدى. كانادانىڭ بۇ ھەرىكىتى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچى قانۇنى ۋە ئالاقىدار خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، بۇ يامان غەرەزلىك ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ.

  جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتى كەسپىي ھەم قائىدىگە چۈشكەن. بىز كانادا تەرەپنى پاكىتقا كۆز يۇمماي، كۆپتۈرۈشنى توختىتىپ، بىرىنچى سەپتىكى دېڭىز، ھاۋا ئەسكىرىي كۈچىنى قاتتىق چەكلەپ، دېڭىز، ھاۋا تاسادىپىي ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دەۋەت قىلىمىز. جۇڭگو ئارمىيەسى ھەر ۋاقىت يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئىتىنى، جەنۇبىي دېڭىز رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قەتىئي قوغدايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ