مۇھىم خەۋەرلەر

شياڭگاڭ تاموژنىسى دېڭىز يولى زەھەر ئەتكەسچىلىك دېلوسىنى پاش قىلدى، دېلوغا چېتىشلىق زەھەرنىڭ بازار قىممىتى تەخمىنەن 140 مىليون شياڭگاڭ پۇلىغا يېتىدۇ

2023.11.06 14:41 مەنبە: خەلق تورى

  شياڭگاڭ تاموژنىسى 5-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شياڭگاڭ تاموژنىسى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى چىڭيى تاموژنىسىنىڭ مال تەكشۈرۈش مەيدانىدا چوڭ تىپتىكى دېڭىز يولىدا زەھەر ئېلىپ-سېتىش دېلوسىنى پاش قىلىپ، تەخمىنەن 484 كىلوگىرام ھەر خىل تىپتىكى زەھەرنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى، مۆلچەرلىنىشىچە بازار قىممىتى تەخمىنەن 140 مىليون شياڭگاڭ پۇلىغا يېتىدۇ. دېلوغا چېتىشلىق 23 ياشلىق بىر ئەر 3-چېسلا قولغا ئېلىندى.

  شياڭگاڭ تاموژنىسى دېلونىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، تېخىمۇ كۆپ زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى قولغا ئېلىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ