مۇھىم خەۋەرلەر

بۇ ئايدىن باشلاپ، بۇ مەنزىرە رايونلىرىدىن كىرىش بېلىتى ئېلىنمايدۇ

2023.11.06 14:37 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا ساياھەت قىلىشنى ئويىلىشىۋاتقان دوستلار دىققەت قىلىڭلار! بۇ ئايدىن باشلاپ بۇدالا سارىيى قاتارلىق مەملىكەتتىكى نۇرغۇن داڭلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش پائالىيىتى ۋە سىياسىتىنى ئېلان قىلدى. قېنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

  بۇدالا سارىيى

  11-ئاينىڭ 1-كۈنى، بۇدالا سارىيى باشقارمىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2023-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2024-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا 6-نۆۋەتلىك «قىشتا شىزاڭنى ساياھەت قىلىش» پائالىيىتى ۋە سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشنى ئايدىڭلاشتۇردى. بۇ مەزگىلدە بۇدالا سارىيىدا ھەقسىز ئالدىن كېلىشىش، ھەقسىز ئېكسكۇرسىيە قىلىش ھەمدە بېسىق ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ ساياھەت قىلىش، ساياھەت ئېقىمنى چەكلەش، ئالدىن كېلىشىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

  بۇ كۈن ئولتۇرغان ۋاقىتتىكى بۇدالا سارىيى (6-ئاينىڭ 7-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۈن فېي فوتوسى

  ئەنيۆ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەنزىرە رايونى

  «ئەنيۆ مەدەنىيەت-ساياھىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2023-يىل 11- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2024-يىل 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، سىچۈەن ئۆلكىسى ئەنيۆ ناھىيەسى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەنزىرە رايونى ئەنيۆ تاش ئويمىسى. يۈەنجۆ غارى مەنزىرە رايونى، ئەنيۆ تاش غارى. ۋوفويۈەن غارى مەنزىرە رايونى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى بولغان پىلۇ غارى، خۇايەن غارى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى جىددىي يولغا قويۇپ، ۋاقتىنچە تاقايدىكەن، ئېچىۋېتىش شارائىتى ھازىرلانغاندىن كېيىن، دەرھال پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرگە 2024-يىل 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ھەقسىز ئېچىۋېتىدىكەن.ۋوفويۈەن مەنزىرە رايونىدىكى ھەيكەل. رەسىم مەنبەسى: ئەنيۆ مەدەنىيەت-ساياھىتى

  جاۋجوۋچياۋ كۆۋرۈكى

  «جاۋجوۋ ئېلانى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كەڭ ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ساياھەت تەسىراتىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، جاۋجوۋچياۋ كۆۋرۈكى مەنزىرە رايونى 2023-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بېلەت سېتىشنى توختىتىپ، ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىشنى قارار قىلغان. خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرىنىڭ جاۋشيەن ناھىيەسىگە جايلاشقان جاۋجوۋچياۋ كۆۋرۈكى سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 1400 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، شۇڭا «دۇنيادىكى بىرىنچى كۆۋرۈك» دەپ تەرىپلىنىدۇ.

  دايىشەن تېغى

  جياڭسۇ ئۆلكىسى ليەنيۈنگاڭ شەھىرى گۇەنيۈن ناھىيەسى دايىشەن تېغى مەنزىرە رايونىنىڭ 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلدى: 2023-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2024-يىل 2-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە (چاغانلىق دەم ئېلىش بۇنىڭ سىرتىدا)، بارلىق ساياھەتچىلەر ھەقسىز ساياھەت قىلسا بولىدۇ. 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى 8:00 دىن 17:00 گىچە تەڭشىلىدۇ. دايىشەن مەنزىرە رايونى دۆلەتلىك A4 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ، قويۇق تەبىئىي مەنزىرىگە ۋە مەدەنىيەت مەنزىرىسىگە ئىگە، «خىلۋەت، قەدىمىي، سىرلىق، ئاجايىپ» بولۇشتەك تۆت چوڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە، «ئون چاقىرىملىق يېشىل تاغنىڭ يېرىمى شەھەر ئىچىدە» دېگەن گۈزەل نامى بار.

  رەسىم مەنبەسى: دايىشەن تېغى مەنزىرە رايونى

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ