مۇھىم خەۋەرلەر

جايلار 2-تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە نەزەرىيە ئۆگىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى

چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئىشلەش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچ قوبۇل قىلدى (ئىدىيەنى ئۆگىنىپ، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى تۆھپە يارىتايلى)

2023.11.06 14:23 مەنبە: خەلق تورى

  2-تۈركۈمدىكى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، جايلار «ئىدىيە ئۆگىنىش»نى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشنى باشتىن-ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ،تىرىشىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇش جەھەتتە كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ۋە سەرپ قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئىشلەش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچنى قوبۇل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.جايلار باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى مېڭىگە، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

  خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھەرلىك پارتكوم زۆرۈر ئوقۇشلۇقلار، تاللاپ ئوقۇلىدىغان ئوقۇشلۇقلارنى ئىخلاس بىلەن ئوقۇش ئاساسىدا، يەنە «ئاممىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ـ شى جىنپىڭنىڭ جېڭدىڭدىكى ئىزلىرى» قاتارلىق كىتابلارنى «ئىدىيە ئۆگىنىش»تىكى جانلىق دەرسلىك قىلىپ، كۆپ قېتىم مەركەزلىك تەتقىق قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىشقا تەشكىللىدى. پۈتۈن شەھەردىكى 132 ئاساسىي تېما تەربىيەسى ئورنى، 22 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» ۋە ئاساسىي تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشكە تەشكىللىدى.

  فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجوۋ شەھەرلىك پارتكوم باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجيەندە خىزمەت قىلغاندا زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلغان «تۆتتە ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈش» ئېسىل ئىستىلىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ،«شى جىنپىڭ فۇجوۋدا» قاتارلىق كىتابلارنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، فۇجوۋ باش تېما تەربىيەسى خاس كىتابلار مۇندەرىجىسىنى شەكىللەندۈردى؛ مۇناسىۋەتلىك كۆرگەزمىلەرنى ئۆتكۈزۈپ ھەمدە 47 ئالاھىدە ئوقۇتۇش نۇقتىسى، 82 ئالاھىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نۇقتىسىنى تاللاپ، 24 خىل ئالاھىدە دەرس تەسىس قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ فۇجوۋدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە قالدۇرغان ئەمەلىي نەتىجىلىرىنى تولۇق كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلدى؛جۈنمېن مەھەللىسى، سەنفاڭ 7-كوچىسى قاتارلىق نۇرغۇن يوللارنى رەتكە سېلىپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىلمىي پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشكە تەشكىللىدى.

  2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلىرىنىڭ دائىرىسى كەڭ، تۈرى، سانى كۆپ بولۇپ، جايلار نىشان -تەلەپنى توغرا ئىگىلەپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

  جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرى «نەزەرىيە ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇش، ئىش بىجىرىپ ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولۇش، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تۈزىتىش» تىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق تەدبىرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشكە تەشكىللەش، مۇزاكىرە قىلىشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق 12 جەھەتنى چىڭ تۇتتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان بەلگىلەنگەن ھەرىكەت تىزىملىكىنى رەتلەپ چىقتى؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش تەلىپىنى تۈزۈپ، يېزا-بازار (كەنت)، كوچا ( مەھەللە )، ئورگان، مەكتەپ، دوختۇرخانا، دۆلەت كارخانىلىرى، يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قاتارلىق ساھەلەرنى نېمىنى ئۆگىنىش، قەيەردە ئۆگىنىش، قانداق ئۆگىنىش، كىم ئۆگىنىشكە تەشكىللەش قاتارلىق جەھەتلەردە تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

  گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ گۈيياڭ شەھىرى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈردى. شەھەردە ئورگان، مائارىپ، دوختۇرخانا، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانا ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلات قاتارلىق خىزمەت كومىتېتلىرى ۋە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئاممىۋى ساھە پارتكوملىرىنىڭ رولىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى ھەقىقىي تۈردە ئىنچىكە، ئەمەلىي، جايىدا تۇتتى. يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلات، يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلات، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان پارتىيە ئەزالىرى ۋە كۆچمە پارتىيە ئەزالىرى قاتارلىقلارغا قارىتا، پارتىيە-ئامما مۇلازىمەت مەركىزى، پارتىيە ئەزالىرى پائالىيەت ئۆيى، «قىزىل ئۆتەڭ»، «شوپۇرلار ئائىلىسى» قاتارلىق بازىلارغا تايىنىپ مەركەزلىك ئۆگىنىش، «گۇيجوۋ تورخانىسى»، «قىزىل بۇلۇتنى مۇستەھكەملەش»، ياچېيكا ئۈندىدار توپى قاتارلىق تور سۇپىلىرى ئارقىلىق ئۆز ئالدىغا ئۆگىنىش، ياچېيكا شۇجىسى ئۆگىنىشكە يېتەكلەش، پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەكچىسى ئۆگىنىشكە يېتەكلەش، قوشماق بولۇپ ئۆگىنىشكە ئەۋەتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۆگىنىشكە ياردەم بېرىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىشىنى ئۈنۈملۈك قاپلاشنى ئىلگىرى سۈردى.

  نەزەرىيەنى جايىدا، تولۇق ئۆگەنگەندىلا، ئاندىن كۆزلىگەن نىشانغا يەتكىلى، ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ. جايلار ئۆگىنىش ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

  سەنشى ئۆلكىسى تەييۈەن شەھىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، پەن-تېخنىكىدا مۇستەقىل بولۇش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قاتارلىق بەش مەخسۇس تېمىنى چۆرىدەپ، ھەر ئايدا بىر قېتىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. ھەرقايسى ئورۇنلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئايرىم-ئايرىم مەخسۇس تېما بېكىتىپ، خىزمەت ئەمەلىيىتى ۋە ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تونۇشى، ھاسىلاتى، پىكىر يولى، تەدبىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆگىنىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، شەھەرلىك پارتكوم باش تېما ئىشخانىسى-ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسى ـ ناھىيە باشقارما دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئالاقىلىشىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئايلىق ۋەزىپە تىزىملىكى، ھەپتىلىك خىزمەت ئەسكەرتىشىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش سۈرىتىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى.

  خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا شەھىرى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇنەنگە كۆرسىتىپ بەرگەن «ئۈچ ئېگىزلىك، تۆت يېڭى ۋەزىپە» گۈزەل پىلانى ۋە چاڭشا خىزمىتىگە ئالاقىدار مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇقنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت پىكىر يولى ۋە تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ پىلانلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، «چاڭشا چوڭ دەرسخانىسى»نى ئېچىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئورۇن فۇنكسىيەسى ۋە ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەپەككۇر قىلىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ سەمىمىي يولغا قويۇش، ئۆگىنىش نەتىجە-ئۈنۈمىنى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە نامايان قىلىشقا يېتەكلىدى.

  بىلىش قانچە ئېنىق بولسا، ھەرىكەت شۇنچە پۇختا بولىدۇ. نۆۋەتتە، كەڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلب ۋە روھنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى. كۆپچىلىك بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: نەزەرىيەنى كەڭ كۆلەمدە ئۆگىنىش، ئىدىيەنى كەڭ كۆلەمدە قوراللاندۇرۇش ئارقىلىق، غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىمىز.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ