مۇھىم خەۋەرلەر

پېنسىيىگە چىقىش جىنايەتتىن قېچىپ قۇتۇلغانلىق ئەمەس، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش توختاپ قالمايدۇ

2023.11.01 00:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىشىچە، شېنجېن شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى يېقىندا شېنجېن شەھەرلىك سابىق قاتناش ئىدارىسى يۈك توشۇشنى باشقۇرۇش شۆبە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇڭ گېڭسىنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، جۇڭ گېڭسىغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش ھەم پېنسىيە تەمىناتىنى تۆۋەنلىتىش، ئۇنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى يىغىۋېلىشنى قارار قىلدى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، تور نامى «شىمالىي قۇتۇپ ئامۇرسوم بېلىقى» دەپ ئاتالغان بىر ئايالنىڭ بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلغان سۆزلىرى تور ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئالتە ئايدىن كۆپرەك تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، كەڭ ئامما، بولۇپمۇ نۇرغۇن تور ئەھلى دېلو ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش جەريانىغا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلدى. مۇخبىر شېنجېن شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق جۇڭ گېڭسىنىڭ «شىمالىي قۇتۇپ ئامۇرسوم بېلىقى» ناملىق تورداشنىڭ بوۋىسى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى. شېنجېن شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى جۇڭ گېڭسىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، پاك-دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ھەمدە ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى ئېنىقلىدى.

  جۇڭ گېڭسى 2007-يىلى 11-ئايدا پېنسىيەگە چىققان، 16 يىلدىن كېيىنمۇ پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىنىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرىدى. چىرىك ئۇنسۇرلار مەيلى قانچىلىك چوڭقۇر، قانچىلىك ئۇزۇن يوشۇرۇنسۇن، ھامان ئاممىنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىنىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. پارتىيەلىك كادىرلار چوقۇم ھەر ۋاقىت ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈشى، ئىدىيەدە ئاينىپ كېتىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك، شۇندىلا ئىشنى ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئەكسىچە، ئۆزىگە بولغان تەلەپنى بوشاشتۇرۇپ قويۇپ پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنى قىزىل سىزىقىغا تېگىپ كەتسە، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ياخشى نام-شەرىپىنى ساقلىيالماي، شەرمەندە بولۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

  ئاچ كۆزلۈكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەس، كۆپ ھاللاردا ئائىلە ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئائىلە ئىستىلى بۇزۇلسا، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ چىرىكلىك پاتقىقىغا بارغانسېرى چوڭقۇر پېتىپ كېتىشىگە مۇقەررەر تۈرتكە بولىدۇ. «شىمالىي قۇتۇپتىكى ئامۇرسوم بېلىقى»نىڭ توردا بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان تۈرلۈك بىمەنە سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ ئېغىر ئائىلە ئىستىلى مەسىلىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى ئىستىل قۇرۇلۇشى كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزدى ھەمدە پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە-نىزام شەكلى ئارقىلىق تۈزۈملەشتۈردى. ئائىلە تەربىيەسىنى چىڭىتىش، ئائىلە ئىستىلىنى توغرىلاش ئەخلاق ئۆلچىمى بولۇپلا قالماي، ئىنتىزام ۋە قانۇننىڭ تەلىپى، تېخىمۇ مۇھىمى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاڭلىقلىقىغا ئايلىنىشى كېرەك. مەيلى پارتىيەلىك كادىرلار ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بولسۇن، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، پاك ئادەم بولۇش، ئائىلىنى تىرىشچانلىق، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئىدارە قىلىش، ئىشنى پاكىز قىلىش، ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇش، ھوقۇق ئۆتكىلى، قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى ئۆتكىلىدىن ياخشى ئۆتۈپ، ئائىلىدىن ئىبارەت چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىم مۇداپىئە سېپىنى ياخشى ساقلىشى كېرەك.

  جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان چىرىكلىك يىپ ئۇچىنى ئاخىرغىچە سۈرۈشتۈرۈش، ئاخىرغىچە تەكشۈرۈش __ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسى بولۇپلا قالماي، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا، شۇنداقلا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم سىناق. جۇڭ گېڭسىنىڭ قانۇن-ئىنتىزام بويىچە جازالىنىشى «پېنسىيىگە چىقىش جىنايەتتىن قېچىپ قۇتۇلغانلىق ئەمەس، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش توختاپ قالمايدۇ» دېگەندىن ئىبارەت روشەن بىر سىگنالنى تارقاتتى. نۆۋەتتە، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش شەمشىرى سىجىل بىلىنىپ، نازارەت قىلىش ۋاسىتىسى ئۈزلۈكسىز موللىشىپ، نازارەتچىلىكنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىنى دائىم ھۆرمەتلەپ، پاك-دىيانەتلىك بولۇش ئىستىلىنى ئاڭلىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ ياخشى باشلامچىلىرى، بەرپا قىلغۇچى، قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ