مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلىتىمىزدە ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى مائارىپ قانۇنى چىقىرىلماقچى

2023.08.29 15:23 مەنبە: خەلق تورى

  ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى مائارىپ قانۇنى لايىھەسى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ تۇنجى قېتىم قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى.

  لايىھە جەمئىي 8 باب، 74 ماددا بولۇپ، ئومۇمىي پىرىنسىپ، پىلانلاش ۋە ئۆتكۈزۈش، ئاسراش، تەربىيەلەش، ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقا خىزمەتچى خادىملار، سېلىنما ۋە كاپالەت، باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش، قانۇن جاۋابكارلىقى ۋە قوشۇمچە پىرىنسىپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  لايىھىدە ئاساسلىقى ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى مائارىپنىڭ ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مائارىپتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش؛ پىلانلاش، ئۆتكۈزۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بايلىق بىلەن تەمىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى مائارىپنى يولغا قويۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش؛ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش؛ سېلىنما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىراجەت كاپالىتىنى كۈچەيتىش؛ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئالتە جەھەتتە بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

  لايىھىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشتا ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئۆتكۈزۈشنى ئاساس قىلىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى مائارىپ بايلىقىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ قاتنىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك؛ بالىلار باغچىلىرى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە ياش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، بېقىش ۋە تەربىيەلەش پائالىيىتىنى ئىلمىي يولغا قويۇشى، باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدىكى دەرس مەزمۇنىنى ئۆگەتمەسلىكى، باشلانغۇچ مەكتەپ خاراكتېرىدىكى تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى قوللانماسلىقى كېرەك؛ بالىلار باغچىلىرى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك؛ دۆلىتىمىز ئوقۇش يېشىدىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار بالىلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى مائارىپنى قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ