ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2023.08.28 15:14 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 8 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى كەچتە كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ھەر قېتىم ئاچقۇچلۇق پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى بىۋاسىتە بىز ئۈچۈن تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ بەردى، رول تۇتۇپ يول باشلىدى، شىنجاڭ خىزمىتىدە توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىش، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكچىلىك قىلدى. باش شۇجى بۇلتۇر 7 ـ ئايدا شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈردى، بۇ قېتىم يەنە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15 ـ قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ ھەم جەنۇبىي ئافرىقىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دۆلىتىمىزگە قايتىپ كەلگەن پەيتتە، يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ، شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان ئەھمىيەت بېرىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تولۇق نامايان قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان چوڭقۇر كۆيۈنۈشى، مېھىر ـ مۇھەببىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ بىزنى زور ئىلھاملاندۇردى، ھەسسىلەپ روھلاندۇردى، مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىدە، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت كۆزلىنىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەر يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۈرۈلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى يەنىمۇ بېيىتىلىپ، راۋاجلاندۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىلمىي كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلەپ، بىزنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سىجىل كۈچەپ، يېڭى مۇساپىدە تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، «يول خەرىتىسى»نى «قۇرۇلۇش خەرىتىسى» «ئەمەلىي مەنزىرە خەرىتىسى»گە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىلھام بەرگەنلىكى ۋە ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئىشەنچ، ئىرادىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ شىنجاڭ خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويماسلىق كېرەك. باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك. باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چىڭ تۇتۇپ، ماددىمۇماددا ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، مۇھىم نۇقتا، ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەش كېرەك. باش شۇجىنىڭ پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش پۇختا ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ يولغا قويۇش كېرەك. ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۆزى تۇتۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش، تەربىيەلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ياخشى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىشى، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىشى، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەتراپلىق ئىگىلەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. كەڭ تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات تارماقلىرىنىڭ، تۈرلۈك ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىش، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق، كۆپ نۇقتىدىن ياخشى ئىشلەپ، پائال قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە پائال تۈردە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتىن ئىبارەت كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تەستە قولغا كەلگەن جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋەزىيىتىنى ياخشى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى كىشىلەر قەلبىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش، كىشىلەر قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇستەھكەملەش نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىچكى ـ تاشقى ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، كۆپ يول، كۆپ شەكىل ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ