شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىران زۇڭتۇڭى، كونگو (بىراززاۋىل) زۇڭتۇڭى، مالاۋى زۇڭتۇڭى، تانزانىيە زۇڭتۇڭى، نامىبىيە زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى

2023.08.28 22:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جوھاننىسبۇرگ، 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن خاۋ، جۇ چاۋ) شۇ جاي ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جوھاننىسبۇرگدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە ئىران زۇڭتۇڭى لەيشى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ ئىراننىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە ئەزا بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، بۇ قېتىمقى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئەزا كۆپەيتىش قارار قىلىندى، بۇ تارىخىي خاراكتېرلىك ئىش. يېڭى ئەزالارنىڭ ھەممىسى مۇھىم تەسىر كۈچكە ئىگە دۆلەتلەر بولۇپ، دۇنياغا مۇھىم، زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو تەرەپ ئىران بىلەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ ساغلام، كۈچلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل 2 - ئايدا زۇڭتۇڭ ئەپەندى جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى بىز ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو تەرەپ ھەم ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. جۇڭگو تەرەپ ئىران تەرەپ بىلەن بولغان دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر - بىرىنى قوللاپ، جۇڭگو - ئىران ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لەيشى مۇنداق بىلدۈردى: ئىران تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىراننىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇشىنى قوللىغانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ ھەم رەھمەت ئېيتىدۇ، بۇ، ئىران - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ تەرەپلىك سۇپا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە پايدىلىق، شۇنداقلا رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پايدىلىق. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىران - سەئۇدى ئەرەبىستانى سۆھبىتى ۋە يارىشىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئەزا كۆپەيتكەنلىكى بىزگە يەككە تەرەپچىللىكنىڭ ھازىر خارابلىشىشقا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئىران تەرەپ ئىران - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى پائال ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.

  سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جوھاننىسبۇرگ، 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لۇ جيافېي، ما جېڭ) شۇ جاي ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جوھاننىسبۇرگدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە كونگو (بىراززاۋىل) زۇڭتۇڭى ساسسۇ بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ ئەپەندى جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، ياخشى دوستى. جۇڭگو - كونگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى ياخشى، بۇنى زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇققا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. كونگو تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگو تەرەپمۇ كونگو (بىراززاۋىل)نىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشنى قوغدىشى، سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي قوللايدۇ، كونگو (بىراززاۋىل)نىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى قوللايدۇ. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن كونگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. جۇڭگو تەرەپ كونگو تەرەپ بىلەن ئورتاق پىلانلاپ، داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  ساسسۇ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2013 - يىلى كونگو (بىراززاۋىل)دا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە. جۇڭگو كارخانىلىرى كونگو (بىراززاۋىل)نىڭ نۇرغۇن دۆلەت قۇرۇلۇشى تۈرىنى ئۈستىگە ئالدى، جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق كونگو (بىراززاۋىل)نىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم ئامىل. جۇڭگو تەرەپنىڭ كونگو تەرەپكە قىممەتلىك مەدەت ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. مەن كېلەر يىلى كونگو بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشقا نىسبەتەن زور ئۈمىدكە تولدۇم. ئىككى تەرەپنىڭ كېلەر يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، كونگو - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. كونگو تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا ئىشلاردا ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

  سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جوھاننىسبۇرگ، 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جېڭ كەيجۈن، خەن لياڭ) شۇ جاي ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جوھاننىسبۇرگدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە مالاۋى زۇڭتۇڭى چاكۋېرا بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ ئەپەندى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى، مەن بۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتىمەن. جۇڭگو تەرەپ مالاۋىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ، داۋاملىق تۈردە مالاۋىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر - بىرىنى قوللاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى، جۇڭگو - مالاۋى مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپ مالاۋى قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ باراۋەر، ھەققانىي يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  چاكۋېرا مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو مالاۋى قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ھەمىشە بىرىنچى ۋاقىتتا ياردەم قولىنى سۇنۇپ كەلدى، مەن يېقىندا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا قىزغىن كۈتۈۋېلىندىم، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ مالاۋىنىڭ ھەقىقىي دوستى، قېرىندىشى ۋە ھەمراھى ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. مالاۋى تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق. مالاۋى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جوھاننىسبۇرگ، 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ميۇ شياۋجۈەن، شيې جياڭ) شۇ جاي ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جوھاننىسبۇرگدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە تانزانىيە زۇڭتۇڭى خاسان بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ خانىمنىڭ بۇلتۇر 11 - ئايدا جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولغانلىقى جۇڭگو - تانزانىيە مۇناسىۋىتىدىكى شانلىق پەيت. بىز ھاسىل قىلغان تۈرلۈك ئورتاق تونۇش پائال، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشمەكتە. جۇڭگو - تانزانىيە ھەمكارلىقى ئىزچىل جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىپ كەلدى، تانزانىيە - زامبىيە تۆمۈريولى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق گۈزەل ئەسلىمىسى. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن تانزانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، جۇڭگو تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، تانزانىيە تەرەپ بىلەن بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور ئىشلىرىنى داۋاملىق قەتئىي قوللاپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەققانىي تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىلىق.

  خاسان مۇنداق بىلدۈردى: مەن بۇلتۇر جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ھەم رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرگەنلىكىمىزدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. تانزانىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەت ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ كەلدى، ھەمكارلىق تۈرلىرى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلدى. تانزانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قىممەتلىك مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ، تانزانىيە قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور تەشەببۇسلاردىن كۆپ نەپكە ئېرىشتى. تانزانىيە جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە كېلەر يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلەپ، تانزانىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جوھاننىسبۇرگ، 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جىن جېڭ، ليۇ ۋەنلى) شۇ جاي ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جوھاننىسبۇرگدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە نامىبىيە زۇڭتۇڭى گېيىنگوب بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ ئەپەندى جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، جۇڭگوغا چوڭقۇر دوستلۇق مېھرى بار، جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى، خەلقئارا ئىشلاردا ئادالەتنى ياقلىغانلىقى، ئادالەت يولىدا ھەق سۆزلىگەنلىكىنى قەتئىي قوللايدۇ، بىز بۇنىڭغا چوڭقۇر ئاپىرىن ئېيتىمىز. جۇڭگو تەرەپ نامىبىيە تەرەپ بىلەن پاكىز ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ نامىبىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىشنى، نامىبىيە تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئوخشاش تارىخىي كەچۈرمىش ۋە كۈرەش كەچۈرمىشى جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنى قەلبداش قىلدى. جۇڭگو چوڭ - كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىدا چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى تېپىپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن تېخىمۇ باراۋەر ھوقۇقنى قولغا كەلتۈردى.

  گېيىنگوب مۇنداق بىلدۈردى: نامىبىيە - جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. جۇڭگو دائىملىق دوستىمىز، شۇنداقلا بىز قىيىنچىلىققا يولۇققاندا تايىنىدىغان دوستىمىز. نامىبىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ نامىبىيە تەرەپنىڭ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا قەتئىي قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتنىڭ داھىيسى، جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئافرىقا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىگە ئىنتايىن باراۋەر، كەمتەر مۇئامىلىدە بولۇپ كەلدى، بۇ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. نامىبىيە تەرەپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن چوڭقۇر ئىلھام ئېلىپ، نامىبىيەچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. نامىبىيە تەرەپ جۇڭگونى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ نامىبىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە نامىبىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ