مۇھىم خەۋەرلەر

11 نەپەر تېلېگراف ئالدامچىلىقى جىنايەت گۇماندارى ۋەتەنگە يالاپ ئېلىپ كېلىندى

2023.08.28 15:11 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا بېرمىنىڭ مياۋۋادى رايونىغا يوشۇرۇنۇپ، ئېلىمىزدىكى خەلق ئاممىسىنى تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى ئارقىلىق ئالدىغان 11 جىنايەت گۇماندارى بېرما ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان، ج خ مىنىستىرلىقى جېجياڭ، ئەنخۇي، چۇڭچىڭدىن ئىبارەت ئۈچ جايدىكى ج خ ئورگانلىرىنى تەشكىللەپ، بۇ 11 جىنايەت گۇماندارىنى بېرمىدىن ۋەتەنگە يالاپ ئېلىپ كەلگەن.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىگە زەربە بېرىش سالمىقىنىڭ داۋاملىق زورىيىشىغا ئەگىشىپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئالدامچىلىق ئۇۋىسىنى بېرما، كامبودژا، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرگە يۆتكىدى، بولۇپمۇ «ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك»، بېرمىنىڭ شىمالىي رايونىدىكى «ئالدامچىلىق» رايونىدا ھەدەپ ئېلىمىزدكى خەلق ئاممىسىغا قارىتا ساختا مەبلەغ سېلىش، مالىيە باشقۇرۇش، زاكاز سۈركەش، توردا قەرز ئېلىش قاتارلىق ئالدامچىلىقلارنى قىلغان ھەمدە قانۇنسىز قاماپ قويۇش، تۇتقۇن قىلىش، ئادەم توشۇپ سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئىنتايىن ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلگەن. ج خ مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بۇلتۇر 6-ئايدىن بۇيان، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «مىخ يۇلۇش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يەنە فىلىپپىن، كامبودژا، بىرما، لائوس قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرگە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، خەلقئارالىق قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ،300 دىن ئارتۇق نىشانلىق گۇماندارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قولغا چۈشۈردى، ئالاقىدار دېلولار يەنىمۇ تەكشۈرۈلمەكتە.

  ج خ مىنىستىرلىقى خەلقئارالىق قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئالاقىدار بىرلەشمە ھەرىكەتلەرنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ خىل جىنايەتلەرنىڭ كۆپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ