مۇھىم خەۋەرلەر

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلدى

2023.08.28 14:56 مەنبە: خەلق تورى

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش خەۋپى يەنىلا «خەلقئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان تاسادىپىي ئاممىۋىي ساغلاملىق ۋەقەسى»نى شەكىللەندۈرىدۇ.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 25-چېسلا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش خەۋپى يەنىلا «خەلقئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان تاسادىپىي ئاممىۋىي ساغلاملىق ۋەقەسى»نى شەكىللەندۈرىدۇ.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جىددىي ئىشلار كومىتېتى 16-چېسلا ئالاقىدار باھالاش يىغىنى ئاچتى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 25-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، كومىتېت دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تەن دېسەيگە نۆۋەتتىكى ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش ۋەزىيىتى ۋە كەلگۈسىدىكى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توغرىسىدا بىر قاتار تەكلىپلەرنى بەردى، باش ئىش بېجىرگۈچى تەكلىپنى قوبۇل قىلدى ھەمدە 23-چېسلا يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش خەۋپىنىڭ يەنىلا «خەلقئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان تاسادىپىي ئاممىۋىي ساغلاملىق ۋەقەسى»نى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى قارار قىلدى.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كومىتېتنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق باھالاش يىغىنىدىن بۇيان، پاكىستان ۋە ئافغانىستان ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر ۋە بەش يېڭىدىن كۆپەيگەن ياۋايى يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارنى دوكلات قىلغان؛ 2022-يىل 2-ئايدا، ئافرىقىدا ياۋايى يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسى بايقالغاندىن بۇيان، نۇرغۇن دۆلەتلەر ماسلىشىپ ۋەزىيەتنى ياخشىلىدى. 2022-يىل 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇيان، موزامبىك يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمارنى دوكلات قىلمىدى، لېكىن كومىتېت: «بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئالاقىدار باھالار مالاۋى ۋە موزامبىكتا يەنىلا ياۋايى يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش مۇمكىنچىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايدۇ» دەپ قارىدى.

  «ۋاكسىنا تۇغۇندىسى» 2-تىپتىكى يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسىغا قارىتا، كومىتېت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىمار سانى داۋاملىق تۆۋەنلەۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارادىكى تارقىلىش خەتىرى يەنىلا بىرقەدەر يۇقىرى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەلۇم بىر مەھەللىنىڭ يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسىغا بولغان ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ مەلۇم سەۋىيەگە يەتكەندە، ئىچىدىغان ۋاكسىنا تەركىبىدىكى زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان ۋىرۇس بىرقەدەر ئۇزۇن ۋاقىت تارقىلىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن «ۋاكسىنا تۇغۇندىسى بولغان يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسى تارقىلىدىكەن».

  يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ چېگرا ھالقىپ تارقىلىش خەۋپى، قىسمەن رايونلاردىكى ۋىرۇسنى كۆزىتىشنىڭ ئەمەلىيلەشمەسلىكى، قىسمەن رايونلاردىكى ۋاكسىنا ئەملەش تولۇق بولماسلىق قاتارلىق ئامىللار ئاساسىدا، كومىتېت مۇنداق قارىدى: يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ خەلقئارادىكى تارقىلىش خەۋپى يەنىلا مەۋجۇت. كومىتېت ۋىرۇسنى ھەر تەرەپلىمە كۆزىتىشنى كۈچەيتىشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ئادەتتە بالىلار پارالىچ كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، ئاساسلىقى بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىماردا قىزىش، باش ئاغرىش، مۇسكۇللار ئاغرىش، قۇسۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاشقاندا پالەچ بولۇپ قېلىشى ياكى ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ كېسەلنى داۋالاپ ساقايتىش ئۇسۇلى يوق، ۋاكسىنا ئەملەش بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ تېجەشلىك، ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان تىرىك ۋىرۇستىن ياسالغان ئىچىدىغان ۋاكسىنا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋاكسىنىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ