مۇھىم خەۋەرلەر

خەن XX ( ئەر،39 ياش ) بىلەن لياڭ XX ( ئايال،51 ياش ) نىڭ ئۆمۈرۋايەت كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ!

2023.08.28 14:55 مەنبە: خەلق تورى

  8-ئاينىڭ 27-كۈنى، چېڭدۇ مۈشۈكئېيىق كۆپەيتىش تەتقىقات بازىسى ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى «مەدەنىيەتسىز قىلمىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى:

  خەن XX ( ئەر،39 ياش )، 8-ئاينىڭ 26-كۈنى مۈشۈكئېيىق بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، سائەت 14 تىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە كىچىك مۈشۈكئېيىق داچىسى پائالىيەت مەيدانىدىكى مۈشۈكئېيىققا بامبۇك نوتىسى بەرگەن. خىزمەتچى خادىملار ئۇنى توسقان ھەمدە كېرەكسىز نەرسىلەرنى ۋاقتىدا سىرتتىكى پائالىيەت مەيدانىدىن تازىلاپ چىقارغان. خەن XX نىڭ مەدەنىيەتسىز ئېكسكۇرسىيە قىلىشى ۋە مۈشۈكئېيىققا زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان قىلمىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئۆمۈر بويى مۈشۈكئېيىق بازىسىنى ( مۈشۈكئېيىق جىلغىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) يەنە قېتىم كىرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. لياڭ XX ( ئايال،51 ياش )، 8-ئاينىڭ 26-كۈنى مۈشۈكئېيىق بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، سائەت 15:00 تە كىچىك مۈشۈكئېيىق داچىسى پائالىيەت مەيدانىدىكى مۈشۈكئېيىققا خاسىڭ تاشلاپ بەرگەن. خىزمەتچى خادىملار ئۇنى توسىغان ھەمدە كېرەكسىز نەرسىلەرنى ۋاقتىدا سىرتتىكى پائالىيەت مەيدانىدىن تازىلاپ چىقارغان. لياڭ XX نىڭ مەدەنىيەتسىز ئېكسكۇرسىيە قىلىشى ۋە مۈشۈكئېيىققا زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان قىلمىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئۆمۈر بويى مۈشۈكئېيىق بازىسىنى ( مۈشۈكئېيىق جىلغىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) يەنە قېتىم ئېكسكۇرسىيە قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

  چېڭدۇ مۈشۈكئېيىق كۆپەيتىش تەتقىقات بازىسى تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىش ئارقىلىق مۈشۈكئېيىقنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بازا ھەر بىر مۈشۈكئېيىقنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  دۆلەت گۆھىرىنىڭ قاتتىق يېمەك-ئىچمەك ئۆلچىمى بار، ئۆز ئالدىغا يەم بېرىش مۈشۈكئېيىققا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. دۆلەت گۆھىرى شۇنچىلىك ئوماق، ئۇلارغا ھەرگىز زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ئېكسكۇرسىيە جەريانىدا مەدەنىي ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچى بولۇپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، مەدەنىيەت ئەھدىنامىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىنى سورايمىز.

  يەم بەرمەڭ، نەرسە تاشلىماڭ، سۇ چاچماڭ، ئەينەككە ئۇرماڭ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ